گىرېتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى (ELSTAT) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، 2025-يىلى يانۋاردىن دېكابىرغىچە بولغان مەزگىلدىكى دۆلەتنىڭ تۇغۇت سانىغا ئالاقىدار مەلۇمات بېرىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلى 68 مىڭ 467 بولغان تۇغۇت سانى، 2025-يىلى تەخمىنەن % 4.2 تۆۋەنلەپ 65 مىڭ 594 كە چۈشۈپ قالغان.
دوكلاتتا، تۇغۇت سانىنىڭ 2020-يىلى 84 مىڭ 764، 2021-يىلى 85 مىڭ 346 ئىكەنلىكى، كېيىنچە تۆۋەنلەشكە باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
گىرېتسىيەدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2021-يىلى ئېلىپ بېرىلغان نۇپۇس تەكشۈرۈش مەلۇماتىغا قارىغاندا، دۆلەتتە 10 مىليون 482 مىڭ 487 مۇقىم نۇپۇس بار ئىكەن. بۇ سان نۇپۇسنىڭ 2011-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا 10 يىل ئىچىدە % 3.11 ئازايغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. گىرېتسىيەنىڭ نۇپۇسى قېرىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا تۇغۇت نىسبىتى بارغانسېرى ئازايماقتا ئىكەن.















