ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنىڭ توختىتىلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق فىرونتلاردىكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى: «لىۋان ۋە ئىران فىرونتلىرى مەلۇم دەرىجىدە بىر-بىرىگە باغلىنىپ قالدى؛ ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى لىۋاندىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ قارايدۇ» دېدى.
سەيشەنبە كۈنى پايتەخت تېھراندا خەلقئارالىق ۋەكىللىكلەر بىر يەرگە جەم بولغان بىر يىغىندا سۆز قىلغان ئاراقچى: «ئەمدى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرىدىكەنمىز، لىۋاندىكى ئۇرۇشمۇ ئاخىرلىشىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى ۋە لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى، ئامېرىكا بىلەن يېقىنقى مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان كېلىشىمنىڭ «ئايرىلماس» بىر قىسمى دەپ تەسۋىرلىدى.
ئىرانلىق مىنىستىر، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىلەن 28-فېۋرالدا پارتلىغان ئۇرۇشنىڭ ئىران ۋاقتى بىلەن دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە كېلىشىمنىڭ جۈمە كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراننىڭ «تەسنىم» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى شىۋېيتسارىيەدە باشلىنىدىغان ئامېرىكا-ئىران سۆھبەتلىرى ئىككى باسقۇچلۇق بولىدىكەن.
ئاراقچى، بىرىنچى باسقۇچتا ھورمۇز بوغۇزى، دېڭىز قاتنىشى چەكلىمىلىرى ۋە ئىراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى، ئىككىنچى باسقۇچتا بولسا يادرو مەسىلىلىرى ۋە ئېمبارگولارنى بىكار قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى ھەمدە بۇلارنىڭ ئاخىرقى كېلىشىم بىلەن ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.


















