تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى (MGK) يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تۈركىيەنىڭ رايوندا دائىمىي تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. تەخمىنەن ئىككى سائەت داۋاملاشقان يىغىندا، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش، رايوندىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تاشقى سىياسەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.
باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ، فەتۆ (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى) ۋە دائېش قاتارلىقلار باشتا بولۇپ، تۈركىيەنىڭ مىللىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارىتىلغان تەھدىتلەرگە قارشى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ باھالانغانلىقى بىلدۈرۈلدى. «تېررورسىز تۈركىيە» ۋە «تېررورسىز رايون» نىشانلىرى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەر تەكىتلىنىپ، تېررورلۇقنىڭ دۆلەت ۋە رايون ئۈستىدىكى ئېغىر يۈكىنى ئېلىپ تاشلاش ئىرادىسى جەزملەشتۈرۈلدى.
تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قارشى تۇرۇش دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا، پۇقرالارنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا قارىتىلغان قەتئىي قەدەملەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. تۈركىيەنىڭ كاپالەتچى دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن قىبرىس تۈركلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ (ش ق ت ج) ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەمدە شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تىنچلىقنى بۇزىدىغان تەشەببۇسلارغا ھەرگىز يول قويۇلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىنغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنىپ، بۇ مۇساپىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى ۋە تۈركىيەنىڭ رايون تىنچلىقى، شۇنداقلا مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. سۈرىيەدە مۇقىملىقنى كاپالەتلەندۈرۈشكە قارىتىلغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىجابىي قارشى ئېلىنىدىغانلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى، شەرقىي قۇددۇس ۋە لىۋاندىكى قىلمىشلىرىنىڭ رايون تىنچلىقى تىرىشچانلىقلىرىغا زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلۈپ، خەلقئارا جەمئىيەت پىرىنسىپلىق پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىرىلدى. ئىراق بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت دەۋرىدىمۇ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى، ئالاقىدار تەرەپلەر رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئادىل ۋە دائىمىي تىنچلىق ئورنىتىلىدىغان شەكىكلدە بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىلدى. ئافرىقا ۋە جەنۇبىي كاۋكازدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ باھالىنىپ، تۈركىيەنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ھەمكارلىقنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ئىپادىلەندى.















