تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. سىنگاپور ۋە ھىندونېزىيەدىن كېيىن، مىنىستىر خاقان فىداننىڭ زىيارىتىنىڭ كېيىنكى بېكىتى جەنۇبىي كورېيە بولدى. مىنىستىر فىدان جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چو خيۇن بىلەن كۆرۈشتى.
فىداننىڭ سېئۇلدىكى ئۇچرىشىشلىرىدا ئىقتىساد ۋە سودا مەسىلىلىرى ئاساسلىق تېما بولماقتا. جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ۋە «ئەركىن سودا كېلىشىمى» نىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش خىزمەتلىرى مۇزاكىرە قىلىنماقتا. ئۇل ئەسلىھە، ئېنېرگىيە، قاتناش، سۈنئىي ئەقىل ۋە يۇقىرى تېخنولوگىيە ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىمۇ كۈنتەرتىپتە تۇرماقتا.
مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىمۇ سۆھبەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن ئورۇن ئالدى. «ئالتاي» تانكىسى تۈرى ئارقىلىق كۈچەيگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى كۆزدىن كېچۈرۈلمەكتە. ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سىستېمىلىرىنى ئاساس قىلغان يېڭى ھەمكارلىق تۈرلىرى مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەرمۇ سۆھبەت تېمىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، ئىران، پەلەستىن، سۈرىيە ۋە شەرقىي ئاسىيادىكى ۋەزىيەت قاتارلىقلار بۇ تېمىلارنىڭ بىر قىسمىدۇر.

















