راخمان باڭلادېشنىڭ پايتەختى داككادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن ئۇيۇشتۇرۇلغان قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى زىيارىتىنى تۈركىيەدە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن راخمان، بۈگۈنمۇ مىنىستىر فىدان بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە چۈشىنىش دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنلارنىڭ باڭلادېش بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستلۇققا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن راخمان، فىداننىڭ زىيارىتىگە زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
«تۈركىيە ئىنتايىن مۇھىم شېرىك. جۈملىدىن باڭلادېشنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى رەئىسلىكى نامزاتلىقىنى قوللىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر شېرىكتۇر» دېگەن راخمان، بۇ مەسىلىدە تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى ئۇنتۇپ قالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
راخمان دۇنياۋى خىرىسلار ئالدىدا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
فىداننىڭ زىيارىتىنىڭ باڭلادېش-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى جەھەتتىن مۇھىم بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان راخمان، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە شېرىكچىلىكنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ، سۆھبەت جەريانىدا فىدانغا، تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ باڭلادېشتىكى ھەر خىل ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلاردىكى سېلىنما پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنالايدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
باڭلادېش دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئىنسانىي ۋە دىپلوماتىك خىرىسلاردىن بىرىنىڭ روھىڭيا كىرىزىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن راخمان، بۇ مەسىلىدە ئىلگىرى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ھەمدە مەسىلىنىڭ كۆلىمى ۋە مۇھىملىقىنى ئوبدان بىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
راخمان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى رەئىسلىكىگە سايلانغاندىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتىقىدىمۇ روھىڭيا مەسىلىسىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.
تۈركىيەنىڭ روھىڭيا كىرىزىسىدە ئوينىغان رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن راخمان، ئەنقەرەنىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋە دىپلوماتىك قوللاش مەسىلىسىدە كىرىزىس باشلانغاندىن بۇيان باڭلادېش بىلەن ھارپىسىدا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
فىداننىڭ زىيارەت دائىرىسىدە روھىڭيا مۇساپىرلار لاگېرلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن راخمان، تۈركىيە دوختۇرخانىسىنىڭ لاگېرلاردىكى ئەڭ مۇھىم قوللاش مېخانىزملىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغان رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تەشەببۇسلارغىمۇ تۆھپە قوشۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.















