تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قازاندا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قازاندا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتىرۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا، تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇقىم شەكىلدە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ۋە يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قازاندا ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى / Reuters

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە، پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

تۈركىيە دىپلوماتىك مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن خاقان فىداننى رۇسىيەنىڭ قازان شەھىرىدە قوبۇل قىلغان.

بۇ ئۇچرىشىشقا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە پىرېزىدېنت مەسلىھەتچىسى يۇرى ئۇشاكوۋمۇ قاتناشتى.

كىرېمىل سارىيى ئۇچرىشىشقا دائىر مەلۇمات ئېلان قىلدى؛ بۇنىڭدا پۇتىننىڭ موسكۋا بىلەن ئەنقەرە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ «مۇقىم شەكىلدە تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەنلىكى ۋە بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

پۇتىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ ئاللىقاچان قۇرۇق رەسمىيەتچىلىكتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى، ھەقىقىي دوستانە خاراكتېرگە ئىگە بولغانلىقىنى ۋە كۈنسايىن يېڭى مەزمۇنلار بىلەن بېيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

كىرېمىل ئەردوغاننىڭ رولىغا يۇقىرى باھا بەردى

بۇ ئەھۋالنىڭ زور دەرىجىدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى سايىسىدا ئىشقا ئاشقانلىقىنى تىلغا ئالغان پۇتىن، خاقان فىداندىن ئەردوغانغا ھەر دائىم خۇشاللىق ھېس قىلىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.

ۋلادىمىر پۇتىن: «بۈگۈنكى پائالىيەت دائىرىسىدە سىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقىمىزدىن ۋە دۆلەتلىرىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان نۆۋەتتىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمىزدىن خۇشالمەن» دېدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ پۇتىنغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈپ: «رايونىمىزدا ۋە دۇنيادا ئىنتايىن مۇھىم ۋەقەلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ. سىزنىڭ بەزى مەسىلىلەردىكى قاراشلىرىڭىز ناھايىتى مۇھىم. سۆھبەتلىشىدىغان نۇرغۇن تېمىلىرىمىز بار. سەپداشلىرىمىز بىلەن ئىككى كۈندىن بۇيان ئىنتايىن قويۇق يىغىنلارنى ئۆتكۈزدۇق، نۇرغۇن مەسىلىلەردە تەپسىلىي پىكىر ئالماشتۇردۇق» دېدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش ئەلچىلەرنىڭ ئىشەنچ خەتلىرىنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە كوماندىسى پۈتۈن دىققىتىنى پاراگۋاي كوماندىسىنى يېڭىشكە مەركەزلەشتۈردى
سۈنئىي ئەقىل ئالدامچىلىقى ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدا 442 مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى
كونياغا ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
فىدان: ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك
ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن 780 مىليون ياۋرولۇق كېلىشىم
«ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى لىۋاندىكى ئۇرۇشنىڭ توختىشىدۇر»
تۇساش (TUSAŞ) دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەت» بولۇپ تاللاندى
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يېڭى بىر ئايرودۇرۇم ئېچىلدى
ئامېرىكا: ئىران بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە ھورمۇز بوغۇزى ھەقسىز ئۆتۈشكە ئېچىۋېتىلدى
تۈركىيە فەتۆ قاچقۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى
ئىران دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدە يېڭى زېللاندىيە بىلەن 2:2 تەڭلەشتى
مىنىستىر خاقان فىدان 16-، 17-ئىيۇن كۈنلىرى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
ئىران كوماندىسىنىڭ تاراتقۇ ئۆمىكى ئامېرىكا ۋىزىسى ئالالمىغاچقا دۇنيا لوڭقىسىغا بارالمىدى