سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
«لوكخېد مارتىن» شىركىتى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن «PAC-3 Edge» سىستېمىسىنى ياساپ چىقتى.
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
لوكخېد مارتىن شىركىتى «PAC-3 Edge» باشقۇرۇلىدىغان بومبا توسۇش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. / Other

ئامېرىكا مۇداپىئە شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «PAC-3 Edge» سىستېمىسى «PAC-3 MSE» تېخنىكىسى ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇلغان بولۇپ، ھاۋادا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان تەھدىتلەرنى تېخىمۇ يىراق مۇساپىدە ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئېگىزلىكتە توسۇش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەيدانغا كېلىۋاتقان ھاۋا تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، «لوكخېد مارتىن» (Lockheed Martin) شىركىتى ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان ۋە ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەھدىتلىرىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن «PAC-3 Edge»  باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇكرائىنا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئامېرىكانىڭ قورال-ياراغ زاپىسىغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىۋەتتى. بۇ ئەھۋال، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى 7-ئايدا «لوكخېد مارتىن» بىلەن «PAC-3 Edge» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن 58.6 مىليارد دوللارلىق توختام ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلدى.

«لوكخېد مارتىن» شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «PAC-3 Edge»  سىستېمىسى، ئۇچۇشنى كونترول قىلىش ئۈسكۈنىسى ۋە «نورتىروب گرۇممان» (Northrop Grumman) تەمىنلىگەن راكېتا موتورىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلغار تەھدىتلەرنى تېخىمۇ يىراق مۇساپىدە ۋە تېخىمۇ يۇقىرى ئېگىزلىكتە توسۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەن.

«لوكخېد مارتىن» شىركىتىنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن تىم كاھىل «رويتېرس» ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇنىڭ تەننەرخى ھازىرقى PAC-3 MSE نىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىدا، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى PAC-3 MSE بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولىدىغان دەرىجىدە، يىلىغا تەخمىنەن 2000 دانە بولىدۇ» دېدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «لوكخېد مارتىننىڭ PAC-3 Edge مۇداپىئە سىستېمىسى جەڭدە ئىسپاتلانغان PAC-3 MSE نىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ھەرىكەتچانلىق، كۈچ ۋە سۈرئەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ ئارقىلىق ئارمىيەنىڭ قاتلاملىق مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.»

يانۋاردا، «لوكخېد مارتىن» ئامېرىكا ئۇرۇش مىنىستىرلىقى بىلەن «PAC-3 Edge» باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن يەتتە يىللىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەخمىنەن 600 دانىدىن 2000 دانىگە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان.

«لوكخېد مارتىن» شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار 2031-يىلغا قەدەر تېز سۈرئەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، 2027-يىلى «PAC-3 Edge» نىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە سىناق قىلىشنى باشلايدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا