فىرانسىيەدە ئون يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان خادىم يېتىشمەسلىك ۋە مائارىپ شارائىتىنىڭ ناچارلىقىغا قارشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشلانغان نامايىشلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىرىزىسقا ئايلاندى. مەكتەپلەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولۇش گىردابىغا كېلىپ قالدى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى بولسا ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قالدى.
سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پارىژدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە باشلانغان نامايىشلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ھەرىكەتكە ئايلاندى. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 250 مىڭدىن ئارتۇق كىشى كوچىلارغا چىقىپ، نامايىش ئۆتكۈزگەن. نامايىشنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بولسا بۇ ساننىڭ 450 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشاي دەپ قالغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئۈچۈن يېڭى بىر سىناق ھېسابلىنىدىغان بۇ كىرىزىسقا قارىتا، باش مىنىستىر سېباستىيان لېكورنۇ مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا جاكارلىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان سۇپىغا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 40 مىڭدىن ئارتۇق ئىلتىماس چۈشتى.
ئوقۇغۇچىلار ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولۇشن ئالدىدا تۇرماقتا
ئوقۇغۇچىلار ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋەيران بولغان، سۈۋەرەك بېسىپ كەتكەن ۋە ئىسسىقلىق ساقلاش سىستېمىسى يوق بىنالاردا ئوقۇۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئۇيۇشما مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، مەكتەپلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىدە خادىم يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلمەكتە. ئوقۇتقۇچى يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يۈزلىگەن سائەتلىك دەرسلەر ئۆتۈلمەي قالماقتا، سىنىپلاردىكى ئوقۇغۇچى سانىنىڭ 30 غا يېتىشى نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتمەكتە.
نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ماسلىشالمىغان مائارىپ سىستېمىسىدا ئوقۇتقۇچىلار مائاشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى سەۋىيەسىگە چۈشۈپ قېلىشى، بۇ كەسپكە بولغان قىزىقىشنى سۇسلاشتۇردى. ئىل دې فىرانس (Ile-de-France) رايونى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مائارىپقا ئەڭ ئاز مەبلەغ ئاجرىتىدىغان رايون سۈپىتىدە دىققەت تارتماقتا. نامايىشچىلار دەرھال ئوقۇتقۇچى ۋە سەھىيە خادىملىرىنى قوبۇل قىلىشنى، شۇنداقلا مەكتەپ بىنالىرىنىڭ دەرھال رېمونت قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.
ئالدىنقى ئايدىن بۇيان يۈزلىگەن مەكتەپ قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، نامايىشلاردا زوراۋانلىق ۋەقەلىرىمۇ يۈز بەردى. ساقچىلارنىڭ ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە پىلاستىك ئوق ئىشلىتىپ قىلغان مۇداخىلىسى نەتىجىسىدە 200 دىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى. نامايىشچىلارنىڭ كۆپىنچىسى 18 ياشتىن تۆۋەن بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن دائىرىسى كېڭەيگەن بۇ نامايىشلار ھۆكۈمەت ئۈچۈن جىددىي ئەندىشە مەنبەسىگە ئايلاندى.
فىرانسىيە دائىرىلىرى ياشلار باشلىغان بۇ ئىسياننىڭ ماكرون ھاكىمىيىتىگە قارشى 10 يىلدىن بۇيان يىغىلىپ قالغان غەزەپ بىلەن بىرلىشىپ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك خەلق قوزغىلىڭىغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.





















