بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن پۇقرالارنى قوغداشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس پۇقرالارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىشىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقى ۋە رايونلۇق تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان مىقياسىدىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
گۇتېررېس چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ، 8-ئاپرېلدىكى ھۇجۇملارنىڭ بالىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يۈزلىگەن پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، شۇنداقلا پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھاياتىدىن ئايرىلغان پۇقرالار سانىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان باش كاتىپ، جانغا زامىن بولۇش ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى لىۋان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، يارىلانغانلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تېزرەك ئەسلىگە كېلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىۋاندا داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي پائالىيەتلەر ئۇرۇش توختىتىشقا ۋە رايوندا دائىمىي ھەم كەڭ كۆلەملىك تىنچلىق ئورنىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا ئېغىر خەۋپ شەكىللەندۈرمەكتە. باش كاتىپ بارلىق تەرەپلەرنى دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال ئاخىرلاشتۇرۇش چاقىرىقىنى تەكرارلايدۇ.»
دىپلوماتىيە چاقىرىقى
خەلقئارا قانۇننىڭ، بولۇپمۇ خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىنىڭ قوغدىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن گۇتېررېس، پۇقرالارنى ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ھەر ۋاقىت قوغداش كېرەكلىكىنى، بۇلارنى نىشان قىلغان ھۇجۇملارنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.
توقۇنۇشنىڭ ھەربىي چارىسى يوقلۇقىنى قەيت قىلغان گۇتېررېس، بارلىق تەرەپلەرنى دىپلوماتىك يوللارنى تاللاشقا ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نومۇرلۇق قارارىنى تولۇق ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.
ئىران بىلەن ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى، 28-فېۋرالدا ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى باشلىغان ۋە رايون مىقياسىدا مىڭلىغان كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ھەم يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاخىرقى پىلانغا زېمىن ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
بۇ ئۇقتۇرۇش، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىشى ۋە كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشى، بولمىسا «پۈتۈن بىر مەدەنىيەتنىڭ يوقىتىلىشى» غا دۇچ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەڭ ئاخىرقى مۇددىتى توشۇشقا ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت قالغاندا ئېلان قىلىندى.











