سىياسەت
4 مىنۇت ئوقۇش
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
پاكىستان ھۆكۈمەت مەنبەلىرى ئانادولۇ خەۋەر ئاگېنتلىقىغا، ئىككى تەرەپ ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكىنى ۋە ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى كېيىنكى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتنىڭ پات ئارىدا يەنە ئىسلامئابادتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
تىنچلىق يولىدىكى نۇرغۇن توسالغۇلارغا قارىماي، ھەر ئىككى تەرەپ جىددىيلىكنى پەسەيتىشنى ئويلاش ئۈچۈن كۈچلۈك سەۋەبلەرگە ئىگە دەك كۆرۈنىدۇ. (سۈرەت: ئارخىپ) / AP
9 سائەت بۇرۇن

ئىسلامئابادتا جىددىي ۋە ئۇيقۇسىز ئۆتكەن بىر كېچىدىن كېيىن، ئىران بىلەن ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تۇنجى قېتىملىق سۆھبىتىنى بىرەر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلالماستىنلا ئاخىرلاشتۇردى. شۇنداق بولسىمۇ، مۇزاكىرىدىن خەۋەردار 11 مەنبە دىيالوگنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى جاكارلانغان ئۇرۇش توختىتىشتىن تۆت كۈن كېيىنكى بۇ ئۇچرىشىش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 1979-يىلىدىكى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقە ۋە ئون يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرىقى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا خېلىلا يېقىنلاشقان تۇنجى بىۋاسىتە ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خىزمەتچى خادىملارنىڭ «رېيتېرس» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا مەلۇم قىلىشىچە، ئىسلامئابادتىكى ھەشەمەتلىك سېرېنا مېھمانخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ئۈچۈن ئامېرىكا، ئىران ۋە پاكىستان مۇرەسسەچىلىرىگە ئايرىم-ئايرىم ئۈچ زال، شۇنداقلا بىر ئورتاق رايون ئاجرىتىلغان. سۆھبەت ئۈستىلىدىكى نۇرغۇنلىغان ھالقىلىق مەسىلىلەر قاتارىدا ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى، تېھرانغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق جازالار، شۇنداقلا ئىران توسۇۋالغان، ئەمما ئامېرىكا قايتىدىن ئېچىشقا قەسەمياد قىلغان يەرشارىۋى ئېنېرگىيە تەمىناتىنىڭ جان تومۇرى — ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسى قاتارلىقلار بار ئىدى.

مەنبەلەرنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئاساسىي زالغا تېلېفون ئېلىپ كىرىش چەكلەنگەچكە، ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج د ۋانىس ۋە ئىران پارلامېنتى باشلىقى مۇھەممەد باقىر قالىبافنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەكىللەر دۆلەتلىرىگە ئۇچۇر يوللاش ئۈچۈن دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدا سىرتقا چىقىشقا مەجبۇر بولغان.

پاكىستانلىق بىر ئەمەلدار: «سۆھبەتنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىد ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى، ئەمما ۋەزىيەت تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ كەتتى» دېدى. يەنە بىر مەنبە تەرەپلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشكە «ناھايىتى يېقىنلاشقانلىقىنى»، لېكىن مۇساپە %80 كە كەلگەندە نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەر تۈپەيلى توختاپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئىرانلىق ئىككى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار يىغىن كەيپىياتىنى «ئېغىر ۋە سوغۇق» دەپ تەسۋىرلىدى ھەمدە پاكىستاننىڭ ۋەزىيەتنى يۇمشىتىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش خاھىشى كۆرسەتمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

بۇرۇلۇش نۇقتىسى

شۇنداق بولسىمۇ، يەكشەنبە ئەتىگەندە كەيپىيات مەلۇم دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، سۆھبەتنى يەنە بىر كۈن ئۇزارتىش ئېھتىماللىقى تۇغۇلغان. ئەمما پىكىر ئىختىلاپلىرى يەنىلا ئاخىرلاشمىغان. ئامېرىكانىڭ مەنبەسىگە قارىغاندا، ئىران تەرەپ ئامېرىكانىڭ تېھراننى مەڭگۈ يادرو قورالىغا ئىگە قىلمايدىغان بىر كېلىشىمگە كېلىشتىن ئىبارەت نېگىزلىك نىشانىنى تولۇق چۈشەنمىگەن، ئىران تەرەپ بولسا ئامېرىكانىڭ نىيىتىگە گۇمان بىلەن قارىغان.

مەسىلىنىڭ سەزگۈرلۈكى سەۋەبلىك ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەنبەلەر تەمىنلىگەن بۇ بىرىنچى قول ئۇچۇرلار يىغىننىڭ ئىچكى ئەھۋالى، كەيپىياتنىڭ ئۆزگىرىشى ھەمدە سۆھبەتنىڭ قانداق ئاخىرلاشقانلىقى ۋە نېمە ئۈچۈن ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

دۈشەنبە كۈنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئىرانلىقلارنىڭ «بۈگۈن ئەتىگەن تېلېفون قىلغانلىقىنى» ۋە كېلىشىم ئۈستىدە كېڭىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاقساراي باياناتچىسى ئولىۋىيە ۋېلىس بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئامېرىكانىڭ مەيدانىدا قىلچە ئۆزگىرىش يوقلۇقىنى، ئەمما كېلىشىمگە كېلىش ئۈچۈن ئالاقىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش سەۋەبلىرى

ئوتتۇرا شەرقنى مەركەز قىلغان بىر دىپلومات ۋە مۇزاكىرىگە يېقىن مەنبەلەر ۋانىس ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ ئالاقىنىڭ ئۈزۈلمىگەنلىكىنى، پاكىستاننىڭ تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا داۋاملىق ئۇچۇر يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفمۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى.

نۇرغۇن توسالغۇلارغا قارىماي، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ يارىشىشنى ئويلىشىشى ئۈچۈن ئۆزىگە چۇشلۇق كۈچلۈك سەۋەبلىرى بار. ئامېرىكانىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى دۆلەت ئىچىدە كۆپ ئالقىشقا ئېرىشەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ئىران ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشىمۇ تەس. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىراننىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىنى بوغۇپ قويۇشى يەرشارىۋى ئىقتىسادقا ئېغىر زەربە بېرىپ، ئامېرىكا سايلىمىغا بىرنەچچە ئاي قالغاندا پۇل پاخاللىقىنى ئۆرلىتىۋەتكەن. ئىككى تەرەپ مىڭلىغان ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، يەرشارى ئېنېرگىيە تەمىناتىنى ئۈزۈپ قويغان ئالتە ھەپتىلىك قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن، پاكىستاننىڭ مۇرەسسەسى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەگىشىپلا ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن جەم بولغانىدى.

ئىككى تەرەپنىڭ تەلەپلىرى ۋە نۆۋەتتىكى تۈگۈنلەر

ئاقساراينىڭ تەلەپلىرى: ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇشنى تامامەن توختىتىشى، يادرو ئەسلىھەلىرىنى چۇۋۇشى، يۇقىرى دەرىجىدە قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى تاپشۇرۇپ بېرىشى، رايون خاراكتېرلىك ئىتتىپاقداشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە قوشۇلۇشى، ۋاكالەتچى قوراللىق كۈچلەرنى قوللاشنى توختىتىپ، ھورمۇز بوغۇزىنى شەرتسىز، ھېچقانداق ھەق ئالماستىن پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىراننىڭ تەلەپلىرى: ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە كاپالەتلىك ئۇرۇش توختىتىش، كەلگۈسىدە ئۆزىگە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا ھۇجۇم قىلىنماسلىق كاپالىتىگە ئېرىشىش، ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى، توڭلىتىلغان مۈلۈكلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى، ئۇران قويۇلدۇرۇش ھوقۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ۋە ھورمۇز ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىدۇ.

مەنبەلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گەرچە دىيالوگ كەم دېگەندە بىرەر لايىھە يارىتىشقا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئاساسلىقى يادرو پىروگراممىسى، ھورمۇز بوغۇزى ۋە مالىيە مۈلۈكلىرىنىڭ مىقدارى قاتارلىق سەزگۈر نۇقتىلاردا تاقىلىپ قالغان. بۇ ماھىيەتلىك مۇزاكىرىلەر ئاساسەن ۋانىس، قالىباف ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، پاكىستان ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى ئاسىم مۇنىر ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىسھاق دار قاتارلىقلار مۇزاكىرىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كېچىچە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئارام ئالماستىن قاتراپ يۈرگەن.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى سۆھبەتكە كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈمىدى بىلەن كەلگەن بولسىمۇ، يۈز بەرگەن چىگىشلىكلەردىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «بىز بۇ يەردە ئىنتايىن ئاددىي، شۇنداقلا بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ ياخشى تەكلىپىمىز بولغان بىر كېلىشىم لايىھەسىنى قالدۇرۇپ ئايرىلىۋاتىمىز. ئەمدى ئىرانلىقلارنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئىستىخبارات تارماقلىرى: خىتاي ئىراننى ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكا ۋە ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى ئىسلامئابادقا يېتىپ باردى
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى لىۋاننىڭ «جەسۇرانە» قەدەملىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
شى جىنپىڭ تەيۋەننىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرىگە بىرلىشىشنىڭ «تارىخنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنى قوللىمىغان بىرنەچچە ناتو دۆلەتلىرىدىكى ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرىدۇ
«ئارتېمىس» ئەترىتى ئاي ئەتراپىدىكى پەرۋازىدىن كېيىن تىنچ ئوكيانغا قونىدۇ
پاكىستان مۇداپىئە مىنىستىرى لىۋاندا 300 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىسرائىلىيەنى «راك» دەپ ئاتىدى
رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن ئورتودوكس پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
ئىران تاراتقۇلىرى: خارازى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ «تېررورلۇق ھۇجۇمى»دا ھاياتىدىن ئايرىلدى
بېلگىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ئىران: رامكا كېلىشىمىنىڭ مۇھىم ماددىلىرى تىنچلىق سۆھبىتىدىن ئىلگىرى دەپسەندە قىلىندى
پاكىستان ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى «تاجاۋۇزچىلىقى»نى ئەيىبلىدى
گۇتېررېس ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
ترامپ: «ھەقىقىي كېلىشىم» ئىجرا قىلىنغۇچە ئامېرىكا ئىران ۋە ئەتراپىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ
شىمالىي كورېيە 7 گېكتارلىق دائىرىنى «كۈلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيدىغان» بومبىسىنى سىناق قىلدى