تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران مەزكۇر زىيارەت مۇناسىۋىتى بىلەن، تۈركىيە-سىنگاپور ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئاساس قىلغان ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە كۆزدىن كەچۈرۈلىدىغانلىقىنى، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ باھالىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ يەنە، سۆھبەتلەر جەريانىدا رايونلۇق ۋە يەرشارى خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.















