گۇماندارلاردىن بىرسى بانكا بىناسى ئالدىدا پارتلاتقۇچنى پارتلاتماقچى بولغان دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى، يەنە بىرسى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كەتتى.
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىشلىرى پارىژدىكى ئامېرىكا بانكىسى (Bank of America) بىناسىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش باشلىغان.
«Franceinfo» تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۈمە كۈنى كېچىدە بىنانىڭ سىرتىدا بىر پارتلاتقۇچنى پارتلاتماقچى بولغان گۇماندار قولغا ئېلىنغان.
گۇماندارنىڭ بىنانىڭ ئالدىغا قويغان ۋە ئىچىدە ئېنىق بولمىغان بىر خىل سۇيۇقلۇق بىلەن پوجاڭزا بار بولغان بىر قاچىنى ئوت ئالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقاندا، قولىدا بىر تۇتاشتۇرغۇچ (چاقماق) بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
دوكلاتلارغا قارىغاندا، ئىككىنچى بىر كىشى ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن قېچىپ كەتكەن.
بىر مەنبەنىڭ ئېيتىشىچە، گۇماندار ساقچىلارغا؛ «Snapchat» ئەپى ئارقىلىق 600 ياۋرو (692 دوللار) بەدىلىگە ئىشقا سەپلەنگەنلىكىنى ۋە مەزكۇر جايغا ئاپتوموبىل بىلەن تاشلاپ قويۇلغانلىقىنى ئېيتقان.
«BFMTV» نىڭ خەۋىرىدە، گۇماندارنىڭ 2009-يىلى تۇغۇلغانلىقى ۋە سېنېگاللىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باياناتىدا؛ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن باغلىنىشلىق ھالدا ئوت ئاپىتى ياكى خەتەرلىك ئۇسۇللار بىلەن زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنۇش، كۆيدۈرگۈچى ياكى پارتلاتقۇچ قورال ياساش ۋە تېررورلۇق مەقسىتىدە جىنايەتكە شېرىك بولۇش قاتارلىق تۈرلۈك جىنايەتلەر بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لورېنت نۇنېز ساقچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئارىلىشىشىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، بۇنىڭ «تېررورلۇق خاراكتېرلىك بىر زورلۇق-زۇمبۇرلۇق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا شارائىت ياراتقانلىقىنى» ئېيتتى.
نۇنېز «X» سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «سەزگۈرلۈك ھالىتىمىز ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە» دېدى.









