ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئۇرۇش جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان بالىلار ھەققىدە توختالدى.
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، ئۇرۇش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان بالىلارنى ئەسلەپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك بېسىۋېلىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 707 ئۇكرائىنالىق بالىنى ئۆلتۈردى» دېدى.
زېلېنسكىي 4-ئىيۇن «خەلقئارا توقۇنۇش قۇربانى بولغان گۇناھسىز بالىلار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان بالىلارنى ئەسلەپ ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«رۇسىيە ئومۇميۈزلۈك بېسىۋېلىش ھەرىكىتى باشلانغاندىن بۇيان كەم دېگەندە 707 ئۇكرائىنالىق بالىنى ئۆلتۈردى. ھەر بىر ئۆلۈم كېلەچىكى تارتىۋېلىنغان بىر بالا دېمەكتۇر. رۇسىيە بۇ جىنايەتلىرى ئۈچۈن چوقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك.»














