2026-يىلى4-ئاينىڭ4-كۈنى
ئافغانىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بىر ئۆينىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، ئاز دېگەندە ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، بىر ئادەم يوقاپ كەتتى.
ئافغانىستان ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، جۈمە (2026-يىلى 3-ئاپرېل) كۈنى يەر تەۋرەشتە كابۇل ئۆلكىسىنىڭ باغرامى رايونىدا بىر ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئالتە ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان.
گېرمانىيە يەر تەتقىقات مەركىزى يەر تەۋرەشنىڭ گىرىنۋىچ ۋاقتى 16:12 دە، يەردىن 181 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.
يەر تەۋرەش دەسلەپتە 5.9 بال دەپ ئۆلچەنگەن، كېيىنچە 5.8 بالغا چۈشۈرۈلگەن.
ئۇبەيدۇللاھ باھىر ئىسىملىك بىر يەرلىك كىشىنىڭ ئېكس (X) تە ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئافغانىستان پايتەختى كابۇلدىمۇ كۈچلۈك ھېس قىلىنغان.
تەۋسىيە
يەر تەۋرەش يەنە پاكىستان پايتەختى ئىسلامئاباد، غەربىي شىمالدىكى خەيبەر پاختۇنخۇا ئۆلكىسى ۋە گىلگىت-بالتىستان ۋە ھىندىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىر رايونىدىمۇ ھېس قىلىنغان.
پاكىستان مېتېرولوگىيە ئىدارىسى دەسلەپتە يەر تەۋرەشنى 6.1 بال دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۆتكەن يىلى (2025) ئاۋغۇستتا، ئافغانىستاننىڭ شەرقىي قىسمىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 2200 دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلىپ، 4000 غا يېقىن ئادەم يارىلانغان ئىدى.
نويابىر ئېيى (2025) دا يۈز بەرگەن 6.3 بال يەنە بىر قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندە 20 ئادەم جېنىدىن ئايرىلىپ، 1000 غا يېقىن ئادەم يارىلانغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hundreds of children bear brunt of Afghan earthquake as parents die










