CNN تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەسىلىدىن خەۋەردار بىر دىپلومات ئىراننىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەتنى قايتا باشلاشتىن ئىلگىرى، لىۋاندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا دائىر كاپالەت تەلەپ قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر دىپلومات: «ئىرانلىقلار ئىمزالانغان كېلىشىمدە كۆرسىتىلگىنىدەك لىۋاندىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا دائىر كاپالەت تەلەپ قىلدى.
مۇرەسسەچىلەر نۆۋەتتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.
دىپلومات پىلانلانغان سۆھبەتلەرنىڭ نۆۋەتتە «لىۋاندىكى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ۋاقىتلىق كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى» بىلدۈردى، ئەمما مۇرەسسەچىلەرنىڭ سۆھبەتلەرنىڭ قاچان قايتا باشلىنىدىغانلىقىغا قارىتا مۆلچەرى توغرىسىدا ھېچقانداق بايانات بەرمىدى.
ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم
ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت جەريانى دائىرىسىدە، 14-ئىيۇن كۈنى ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتىدىغان 14 ماددىلىق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
«ئىسلامئاباد كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان بۇ كېلىشىم 18-ئىيۇن كۈنى ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دۆنالد ترامپ تەرىپىدىن رەقەملىك سۇپىدا ئىمزالانغاندىن كېيىن يولغا قويۇلغان ئىدى.
بۇ كېلىشىم لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇرۇشقا خاتىمە بېرىش، ھورمۇز بوغۇزىنى ئېچىۋېتىش، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان دېڭىز قامالىنى بىكار قىلىش قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كېلىشىم ئىمزالانغاندىن كېيىن، تەرەپلەرنىڭ ھەل قىلغۇچ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى ۋە ئېمبارگولارنى بىكار قىلىش قاتارلىق تېمىلاردا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 60 كۈنلۈك سۆھبەت جەريانىنى باشلىشى كۈتۈلمەكتە.















