تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دۆلەت رەئىسلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى دېنىس بېچىروۋىچنى رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋالدى.
كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئىستانبۇلدىكى دولماباھچە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئايرىم كۆرۈشتى.
جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى تەرىپىدىن تۈركىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «NSosyal»دا ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تەرەپلەرنىڭ رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە تۈركىيە بىلەن بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، تۈركىيەنىڭ بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى شەرتسىز قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رايوننىڭ تېخىمۇ كۆپ تەۋەككۈلچىلىككە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ بىرلىكىنى نىشان قىلغان ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرلىك سۆزلەرنىڭ ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنانىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلارنىڭ بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشىنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان؛ تۈركىيەنىڭ، بوشناقلارنىڭ ھاياتىي مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ھەر قانداق مەجبۇرىي ئەھۋالنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.
بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دۆلەت رەئىسلىك كېڭىشى؛ بىر بوشناق، بىر كرودىيە ۋە بىر سېرب بولۇپ جەمئىي ئۈچ ئەزادىن تەركىب تاپىدۇ. كېڭەشنىڭ بوشناق ئەزاسى بېچىروۋىچ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى بۇ ئاي ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.










