ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى جەززىنە شەھىرى ئەتراپىدا كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قىلىشى نەتىجىسىدە ئۈچ مۇخبىر قازا قىلغان.
ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا «ئەل-مانار» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇخبىرى ئەلى شۇئەيب، «ئەل-مايادىين» مۇخبىرى فاتىمە فاتۇنى ۋە بىر سىنغا ئالغۇچىمۇ بار.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەلى شۇئەيبنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، قالغان ئىككى مۇخبىرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە توختالمىدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، لىۋان دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (NNA) جەززىنەدىكى ئەل-باراد يولىدا بىر ئاپتوموبىلغا ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان، ئەمما تەپسىلاتىنى بەرمىگەن ئىدى.
خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە شەنبە كۈنى تاڭ سەھەردىن باشلاپ كۆپىنچىسى جەنۇبتا جەمئىي 42 بازار، شەھەر ۋە رايوننى ھاۋا ھۇجۇمى ۋە زەمبىرەك ئوقى بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتا باشلانغان لىۋان ھۇجۇمىدا، لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئاز دېگەندە 1142 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 3315 كىشى يارىلانغان.







