سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان ھىندىستانغا قاراتقان ھاۋا تەۋەلىكى چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى
پاكىستان ئايرودۇرۇملارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ھىندىستانغا قارىتىلغان ھاۋا تەۋەلىكى چەكلىمىلىرىنىڭ مۇددىتىنى 24-ئىيۇلغىچە ئۇزارتىش قارارى چىقاردى.
پاكىستان ھىندىستانغا قاراتقان ھاۋا تەۋەلىكى چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى
 پاكىستان ھىندىستانغا قاراتقان ھاۋا تەۋەلىكى چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

گېئو نىيۇز (Geo News) قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ئايرودۇرۇملارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى  ھىندىستانغا قارىتىلغان ھاۋا تەۋەلىكى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

بۇنىڭغا ئاساسەن پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكى، ھىندىستان تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىدىغان سودا ۋە ھەربىي بارلىق ئۇچۇشلارغا يېپىق پېتى قالىدۇ.

شۇنداقلا ھىندىستان ھاۋا يوللىرى شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىجارە ئېلىنغان ئايروپىلانلارنىڭمۇ پاكىستان ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلىتىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

ھاۋا تەۋەلىكى چەكلىمىسى 24-ئىيۇلغىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدىكى جاممۇ كېشمىرنىڭ پاخالگام رايونىدا قوراللىق كىشىلەرنىڭ 2025-يىلى 22-ئاپرېلدا ساياھەتچىلەرگە ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە 26 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بارلىق سودا ئالاقىلىرى توختىتىلغان ۋە ھاۋا تەۋەلىكى تاقالغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش ئەلچىلەرنىڭ ئىشەنچ خەتلىرىنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە كوماندىسى پۈتۈن دىققىتىنى پاراگۋاي كوماندىسىنى يېڭىشكە مەركەزلەشتۈردى
سۈنئىي ئەقىل ئالدامچىلىقى ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدا 442 مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى
كونياغا ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
فىدان: ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك
ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن 780 مىليون ياۋرولۇق كېلىشىم
«ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى لىۋاندىكى ئۇرۇشنىڭ توختىشىدۇر»
تۇساش (TUSAŞ) دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەت» بولۇپ تاللاندى
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يېڭى بىر ئايرودۇرۇم ئېچىلدى
ئامېرىكا: ئىران بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە ھورمۇز بوغۇزى ھەقسىز ئۆتۈشكە ئېچىۋېتىلدى
تۈركىيە فەتۆ قاچقۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى
ئىران دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدە يېڭى زېللاندىيە بىلەن 2:2 تەڭلەشتى
مىنىستىر خاقان فىدان 16-، 17-ئىيۇن كۈنلىرى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
ئىران كوماندىسىنىڭ تاراتقۇ ئۆمىكى ئامېرىكا ۋىزىسى ئالالمىغاچقا دۇنيا لوڭقىسىغا بارالمىدى