2026-يىلى4-ئاينىڭ4-كۈنى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قەدەملەرگە يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئەنقەرەنىڭ ئىرانغا قىلىنغان ھۇجۇملارنى قوللىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئىراننىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە قاراتقان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلىرىنىمۇ قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى رەھبەر جۈمە (2026-يىلى 3-ئاپرېل) كۈنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر، شۇنداقلا رايون ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.
تەۋسىيە
ئۇ سۆھبەت جەريانىدا قارا دېڭىزدىكى قاتناش پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ رايون مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىران ئۇرۇشىنىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا سېپىدە يېڭى كىرىزىس (قىزىق نۇقتا) پەيدا قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە باش مىنىستىر نېتانىياھۇ رەھبەرلىكىدىكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قەدەملەرگە يول قويۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel 'primarily' responsible for 'unlawful war' with Iran: Türkiye's Erdogan
















