ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ ئەلخەلىل شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىشىنى ئەيىبلىدى
خەلقئارا
ب د ت ئىسرائىلىيەنىڭ ئەلخەلىل شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىشىنى ئەيىبلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان ئەلخەلىل شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىشىنى ئەيىبلىدى.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق باياناتچىسى جېرېمى لورېنس جەنۋەدە بەرگەن باياناتىدا: «قوللىنىلغان كەڭ كۆلەملىك تەدبىرلەر زۆرۈرىيەتسىز ۋە ھەددىدىن زىيادە كۈچ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىغا دائىر ئېغىر ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلماقتا» دېدى ۋە ھۇجۇملارنى توختىتىشقا چاقىردى.

لورېنس ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ھەرىكىتى جەريانىدا ئۆي ۋە سودا ئورۇنلىرىنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىنى، ئەركىن يۈرۈش-تۇرۇشقا كەڭ كۆلەملىك چەكلىمىلەر قويۇلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ نۇرغۇن پەلەستىنلىكنىڭ ئۆيلىرىدىن ياكى يېقىن ئەتراپتىكى مەھەللىلىرىدىن چىقالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئىسرائىلىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «بېتسەلەم» (B’Tselem)، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئېتنىك تازىلاش» ھەرىكىتىنى ئەلخەلىلگىمۇ كېڭەيتكەنلىكى، ئاھالىلەرنى كەڭ كۆلەمدە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ۋە ۋەيرانچىلىق پىلانلىرىنى ئاللىقاچان يولغا قويغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.

پەلەستىن خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋافانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۈمە كۈنىدىن بۇيان تەخمىنەن 3 مىڭ 971 كىشىدىن تەركىب تاپقان ئاز دېگەندە 619 پەلەستىنلىك ئائىلە ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي چىقىرىۋېتىلگەن.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس «X» سۇپىسىدىكى يازمىسىدا مۇنداق دېدى: «يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى كېڭەيمەكتە، ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋېتىش توختىماي داۋاملاشماقتا، پەلەستىنلىكلەر زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىلماقتا، كۆچمەنلەرنىڭ زوراۋانلىقى كۆپەيمەكتە ۋە پەلەستىنلىك ئائىلىلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا. بارغانسېرى باستۇرۇش كۈچىيىۋاتقان بىر مۇھىتقا دۇچ كېلىۋاتىمىز؛ ئېتنىك تازىلاش خەۋپى بولسا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئېغىرلاشماقتا.»

گۇتېررېس يەنە: «پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشتىن ئىبارەت قانۇنلۇق ھوقۇقى ئەمەلىيلەشمەي تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرقتە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ» دېدى.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
پەلەستىنلىك دېھقانلارنىڭ ئاپتوموبىللىرى چېقىلدى
مېنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىمنى سىزگە كىم دېدى؟ مەن يەھۇدىيمەن
مودىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئوبرازى بىلەن دىيالوگى
لىسبوندا ئىجارە ھەققىنىڭ ئۆسۈشىگە قارشى نامايىشقا ساقچىلار مۇداخىلە قىلدى
ئىسرائىلىيە قىسىملىرى ئەل خەلىلدە يوللارنى تاقاش ئۈچۈن پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلەتتى
سايلام ھارپىسىدا تېل ئاۋىۋدا مىڭلىغان كىشى نەتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆيلىرى چېقىلدى
ساختا «باغدادلىق» نىڭ يالغانچىلىقى ئاشكارىلاندى
فىدان تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈستىدە توختالدى
ئىسرائىلىيەلىك ئەسكەر ئىشغال قىلىنغان لىۋان زېمىنىدا بىر ئۆينى پارتلىتىشتىن بۇرۇن سىنغا ئالدى