ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەگە غەزەپلەندى
ۋىدېيو
ئاۋسترالىيە ئىسرائىلىيەگە غەزەپلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ياردەم خادىملىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈشنى توختاتقانلىقى، ئاۋسترالىيەنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پېننىي ۋوڭ (Penny Wong) پەيشەنبە (2026-يىى 20-ئاۋغۇست) كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2024-يىلى غەززەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئاۋسترالىيەلىك ياردەم خادىمىنىڭ ئۆلۈمىگە قارىتا جىنايى ئىشلار دېلوسى تۇرغۇزماسلىق قارارىدىن «قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكى» نى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى چارشەنبە (19-ئاۋغۇست) كۈنى تەكشۈرۈپ، پاكىت توپلاش  خىزمىتىدىن كېيىن، ئاۋسترالىيەلىك زومى فرانككوم (Zomi Frankcom) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان «دۇنيا مەركىزى ئاشخانىسى» (World Central Kitchen) خەير-ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ يەتتە ياردەم خادىمىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ھېچقانداق ئاساس تاپالمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تېخىمۇ كۆپ ۋىدېيو
ياشانغان، ئاجىز پەلەستىنلىك كىشى ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى سودا مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 15 كىشى ئۆلۈپ، 130 كىشى يارىلاندى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر جەنىن يېقىنلىرىدا پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى
نىيۇ يورك كوچىلىرى سۇ ئاستىدا قالدى
رۇمېنىيە ئايروپىلانلىرى قارا دېڭىزدا بىر ئاپپاراتنى پاچاقلاپ تاشلىدى
ئىسىرائىلىيە كۆچمەنلىرى بىر پەلەستىنلىكنىڭ بېشىغا ئوق ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى
غەززەلىك بالا سەند ئىسلام ئەلئارجا ھەققىدە
ئامېرىكادا بىر تىك ئۇچار بىلەن بىر كىچىك ئايروپىلان سوقۇلۇپ كەتتى
كوجالىدا تېكنوفەست باشلاندى
ئىسىرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر بىر ئانا بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە ئوت قويۇپ بەردى