تۈركىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دېڭىزچىلىق پائالىيىتى بولغان تېكنوفەست «كۆك ۋەتەن» (TEKNOFEST Mavi Vatan) 20-ئاۋغۇست كۈنى كوجائەلىدىكى گۆلجۈك دېڭىز ئارمىيە كېمىسازلىق زاۋۇتى قوماندانلىق مەركىزىدە ئېچىلدى.
23-ئاۋغۇستقىچە داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەتتە، تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇرۇش پاراخوتى«TCG ئانادولۇ» (TCG Anadolu) بىلەن بىرگە، ھەر خىل جەڭ پاراخوتلىرى، سۇ ئاستى پاراخوتلىرى ۋە تارىخىي جۇمھۇر رەئىسلىك سەيلە كېمىسى «TCG ساۋارونا» (TCG Savarona) قاتارلىق جەمئىي 37 دېڭىز سۇپىسى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. بۇ پائالىيەت دۆلەتنىڭ دېڭىز كۈچى ۋە يەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.