ئىسپانىيەنىڭ سېئۇتا رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AP) مۇخبىرلىرى، ئىسپانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلۇپ كەتمەسلىك ئۈچۈن يىغلاپ يالۋۇرۇۋاتقان 12 ياشلىق، ھەمراھسىز بىر ماراكەشلىك بالىنى چېگرادىن مەجبۇرىي قوغلاپ چىقىرىش مەنزىرىسىگە شاھىت بولدى.
چېگرا سىزىقىغا ئاران بىر نەچچە مېتىر قالغاندا، ئەتراپتىكى يەرلىك ئاھالىلەر بالىنىڭ تېخى بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئەسكەرلەرگە بېسىم ئىشلەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر پودپولكوۋنىكى بالىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش رەسمىيىتىنى توختىتىپ قالغان. بالا ئارقىدىن ئىسپانىيە پۇقرالار مۇھاپىزەت ئەترىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
ئىلگىرى چېگرادىن ئۆتكەن جەمئىي 60 مىڭ كۆچمەننىڭ ئىچىدە، سېئۇتادىن قوغلاپ چىقىرىلىشتىن قۇتۇلۇپ قالغان 3 مىڭدىن 5 مىڭغىچە بولغان كۆچمەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالاغەتكە يەتمىگەن كىچىك بالىلار تەشكىل قىلىدۇ.