مىلادىچ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىلدە ئۆتكەن ھەپتە ھاگدىكى ب د ت قاماق مەركىزىدە ۋاپات بولغان ئىدى. ئۇ سرېبرېنىتسا قاتلىئامىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، زۇلۇم، قەتل قىلىش ۋە سارايېۋو قورشاۋى مەزگىلىدە پۇقرالارغا تېررورلۇق قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 تۈرلۈك ئەيىبلەشنىڭ 10 تۈرى بويىچە جىنايىتى بېكىتىلىپ قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.
ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا قارىماي، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سېربىيەدە قىزىل يۇلتۇز بەلگراد مۇسابىقىسىدە مىلادىچنى شان-شەرەپكە ئىگە قىلىدىغان شوئارلار توۋلىاندى ۋە پانكارتلار ئېچىلدى، خاتىرىلەش ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۈرۈش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.