ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇۋا تۇتۇش رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان ئانتاليانىڭ قىزىلئوت (Kızılot) ساھىلىدىكى 1600 ئۇۋىدىن، نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تەخمىنەن 40،000 كارتتا كارتتا (caretta caretta) دېڭىز تاشپاقىسى دېڭىزغا يېتىپ باردى. پىدائىيلار 26 كىلومېتىرلىق ساھىل بويىدىكى ئۇۋىلارنى قوغدىدى.
دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇۋىلارنىڭ تەخمىنەن %70 دىن تاشپاقا بالىسى چىققان، ئەمما ھەر 1000 تاشپاقا بالىسىدىن ئادەتتە بىرى ياكى ئىككىسىلا ھايات قالىدىكەن.