ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، كۆچمەنلەرنىڭ قانۇنسىز قورشاۋى خەلقئارادا ئىنكاس قوزغىغاندىن كېيىن، ئۇلارنى بۇ جايدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن رايونغا ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بىتسەلەم (B’Tselem) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى يۇلى نوۋاك ئالدىنقى ھەپتە قۇسرادىكى ۋەقەلەرنىڭ «ئايرىم بىر ھادىسە ئەمەسلىكى»نى ئېيتىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن كۆچمەن قوراللىقلىرىنىڭ پەلەستىن شەھەر-يېزىلىرىغا ھۇجۇملارنى كۈچەيتىپ، يەرلەرنى ئىگىلەۋاتقانلىقى، ئۆيلەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئائىلىلەرنى ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.