ئىسىرائىلىيە كۆچمەنلىرى پەلەستىن ھەرە باققۇچىلىرىغا زىيان سالدى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر كالكىلىيادا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەرە كۆنەكلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى.
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كالكىلىيا شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى كەفر قەددۇم (Kafr Qaddum) يېزىسىدا، قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ھەرە كۆنەكلىرىگە ئوت قويۇپ، پەلەستىنلىك ئائىلىلەرنىڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسىگە زىيان يەتكۈزدى. قانۇنسىز كۆچمەنلەر، يەرلىك پەلەستىنلىك دېھقانلارغا ۋە يېزا جەمئىيەتلىرىگە قارىتىلغان بۇزغۇنچىلىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېشىشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، كۆپ قېتىم ھەرە كۆنەكلىرىنى كۆيدۈرۈش ياكى چېقىپ تاشلاش، زەيتۇنلۇقلارنى ۋەيران قىلىش ھەمدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ياكى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلۇشلىرىغا ئوت قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەرنى سادىر قىلىپ كەلمەكتە.