گىرېتسىيە ئىسرائىلىيە بىلەن 3.5 مىليارد دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچىدە قارشى تۇرۇش سادالىرى كۈچىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئافىنا ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرماقتا. بۇ كېلىشىم يەنە تېل ئاۋىۋنىڭ رايوندا داۋاملىشىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقلىرى تۈپەيلىدىن تۈركىيە بىلەن بولغان جىددىي ۋەزىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى.