ئىران ئامېرىكانىڭ دېڭىز ئاپپاراتىنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر ئادەمسىز دېڭىز ئاپپاراتىنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
سېپاھ (Sepah) خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن «ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ دېڭىز ئاپپاراتى يوقىتىلدى» ماۋزۇسى ئاستىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، «ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر دېڭىز قىسمىنىڭ ھورمۇز بوغۇزى رايونىدا Saildrone Explorer تىپلىق بىر ئادەمسىز دېڭىز ئاپپاراتىنى نىشانغا ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.