خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
خىتاي مەسئۇللىرى يۇنۇس تەيفېڭ بورىنىنىڭ قۇرۇقلۇققا يېتىپ كېلىشىدىن كېيىن شاڭخەينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا دۆلەتنىڭ شەرقىدە 1 مىلىيوندىن ئارتۇق كىشىنى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى

مېتېئورولوگىيە مەسئۇللىرى، بوراننىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق يۇخۇەن شەھىرىدە تۇنجى قېتىم قۇرۇقلۇققا چىققاندا سائىتىگە 150 كىلومېتىر سۈرئەتكە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. تەيفېڭ بورىنى تەخمىنەن بىر سائەتتىن كېيىن ۋېنجوۋ شەھىرىدە ئىككىنچى قېتىم قۇرۇقلۇققا يېتىپ كەلدى.

بوران رايون مىقياسىدا قاتناشنى توختىتىپ، پەقەت شاڭخەيدىلا 1400 نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

خىتاي مەسئۇللىرى ئىلگىرى يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى ئۈچۈن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە بولغان قىزىل ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغان، ئەمما بوراننىڭ سەۋىيەسى دۈشەنبە ئەتىگىنىدىن باشلاپ تورپىكال بورانغا تۆۋەنلىتىلگەن ئىدى.

بوراننىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى. مەسئۇللار، چارشەنبە كۈنىگىچە شىددەتلىك يامغۇر، سەل ۋە كەلكۈن خەۋپىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

دۈشەنبە كۈنى شەندۇڭ، خېنان، خۇبېي، ئەنخۇي، جياڭسۇ ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىرى بىلەن شاڭخەي شەھىرى ئۈچۈن شىددەتلىك يامغۇر مۆلچەرلەنمەكتە.

سەيلە-ساياھەت ئورۇنلىرى ۋە قاتناش ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىدى

يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاممىغا ئوچۇق مەيدانلاردىكى پائالىيەتلەردىن ساقلىنىش چاقىرىقىدا بولدى. دىسنىيلاند، لېگولاند ۋە شاڭخەيدىكى قىرغاق ئايلانما يولىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەيلە قىلىش جايلىرى قاتارلىق ناھايىتى كۆپ سەرخىل ساياھەت ئورۇنلىرى تاقالدى.

دۆلەت تاراتقۇلىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، جېجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق ۋېنلىڭ شەھىرىدە 9 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا دېڭىزغا ئېقىپ كېتىپ يوقاپ كەتكەن. ئەمما مەسئۇللار تېخىچە ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش ئۇچۇرىنى ئورتاقلاشمىغان.

مېتېئورولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى، جېجياڭنىڭ بەزى رايونلىرىغا بىر قانچە كۈن ئىچىدە 250 دىن 500 مىللىمېتىرغىچە يامغۇر يېغىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلدى.

جېجياڭنىڭ پايتەختى خاڭجودىكى مەسئۇل ئورگانلار، بوران ۋە سەل سۇلىرىدىن قاچقان ئاپتوموبىللار ئۈچۈن بارلىق ئاممىغا ئوچۇق ئورۇنلاردىكى توختاش ئۈچۇرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.

ئۆلكىنىڭ باشقا رايونلىرىدا بولسا ۋېنجوۋ مەسئۇللىرى تەخمىنەن 900 مىڭ ئاھالىنى بىخەتەر رايونلارغا كۆچۈردى ۋە 1000 دىن ئارتۇق جىددىي ۋەزىيەت پاناھلىنىش ئورنىنى ئاچتى. تەيجو شەھىرىدە بولسا تەخمىنەن 390 مىڭ كىشى ئۆي – ماقكانلىرىدىن ئايرىلدى.

ساھىل ئۆلكىسى فۇجىياندا دېڭىز قاتنىشى مەسئۇللىرى ئونلارچە يولۇچى پاراخوتىنىڭ قاتنىشىنى توختىتىپ قويدى ۋە 100 دىن ئارتۇق چوڭ كۆلەملىك ئوچۇق دېڭىز قۇرۇلۇش لايىھەسىنى توختاتتى.

خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسى CCTV نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بوران، قۇرۇقلۇققا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى 6 مىڭ كىلومېتىرلىق ئۇزۇن بىر ئارىلىقنى بېسىپ ئۆتكەن. بۇ ئەھۋال، بوراننىڭ ئوتتۇرىچە بىر تەيفېڭ بورىنىدىن ئۈچ ھەسسە كۈچلۈك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

CCTV يەنە بوراننىڭ كەڭ ۋەيرانچىلىق ۋە زىچ يامغۇر ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى يەتكۈزدى.

بورانغا مۇناسىۋەتلىك خاتا ئۇچۇرلارنى تور ئارقىلىق تارقاتقان ئىككى كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تەيفېڭ بورىنىنىڭ باشقا دۆلەتلەردىكى تەسىرلىرى

يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى، خىتايغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى فىلىپپىن، تەيۋەننىڭ شىمالىي قىسىملىرى ۋە ياپونىيەنىڭ ئوكيناۋا ئارىلىدا شىددەتلىك يامغۇرلارغا سەۋەب بولدى.

فىلىپپىن پۇقراۋى مۇداپىئە ئىدارىسى، تەيفېڭ بورىنىنىڭ ۋە ھەپتە بېشىدىكى بورانلارنىڭ قوزغىتىشى بىلەن كەلگەن پەسەللىك يامغۇرلىرى سەۋەبىدىن فىلىپپىندا 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۆلەت مىقياسىدىكى تارقاقلاشتۇرۇش مەركەزلىرىدە 7 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ پاناھلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياپونىيەنىڭ ئوكيناۋا ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بوراندىن كېلىپ چىققان ۋەقەلەردە 5 ياشلىق ئۆسمۈرنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خوڭ كوڭدا بولسا كۆزىتىش ئۆيى، تەيفېڭ بورىنىنىڭ شەھەرگە ئىسسىق ھاۋا ئېلىپ كېلىشى سەۋەبىدىن يەكشەنبە كۈنى تېمپىراتورىنىڭ  36.9 گرادۇس بىلەن رېكورت ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.

غەربىي تىنچ ئوكياندا تەيفېڭ بورىنى پەسلى ئادەتتە ماي ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرى ئارىلىقىدا يۈز بېرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ يىل كۈچلۈك بىر ئەل نىنو يىلى بولۇشىنىڭ تەيفېڭ بورانلىرىنى تېخىمۇ شىددەتلىك ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»