مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، روسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكەتلىرىگە دائىر ئۇچۇر بېرىلدى.
روسىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچىدە كىيېۋ شەھىرى بىلەن كىيېۋ رايونىدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ھۇجۇمدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ئۈچۈن زاپچاسلار، روبوت تېخنىكىسى ۋە ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش سىستېمىلىرى ئامباردا ساقلىنىدىغان ھەم تارقىتىلىدىغان «MLP-Chayka»، «Trans-Logistik» شۇنداقلا «Epitsentr» ئارقا سەپ مەركەزلىرى بىلەن Novaya Pochta تېرمىنالىغا زەربە بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا يەنە، كىيېۋ رايونىدىمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرى ئامبىرى ۋە يۆتكەش ئېلىپ بېرىلىدىغان «Terminal Brovary»، «Raben Ukraina» ھەمدە «Brovary» ناملىق ئارقا سەپ مەركەزلىرىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
باياناتتا، ئودېسسا شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا دېڭىزدا ھەربىي يۈك توشۇيدىغان 3 يۈك پاراخوتقىمۇ زەربىگە بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ھۇجۇمدا قۇرۇقلۇقتىن ئېتىلىدىغان دەل نىشانغا تەككۈزۈش قوراللىرى بىلەن ئۇزۇن مۇساپىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



















