تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
تۈركىيەدە بۇ يىل 16 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغان كىشىلەرنىڭ تور ئىشلىتىش نىسبىتى %92.3 كە يەتتى.
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
WhatsApp ۋە Meta AI (AA)

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان «ئائىلە خەۋەرلىشىش تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىش تەكشۈرۈشى-2026» نىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى.

تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە 16 ياشتىن 74 ياشقىچە بولغانلار ئارىسىدا تور ئىشلىتىش نىسبىتى %92.3 بولغان. بۇ نىسبەت ئۆتكەن يىلى %90.9 ئىدى. ئايرىپ قارىغاندا، بۇ ياش گۇرۇپپىسىدىكى ئەرلەردە تور ئىشلىتىش نىسبىتى %94.8، ئاياللاردا بولسا %89.9 بولغان.

تور ئارقىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن پايدىلانغۇچىلارنىڭ نىسبىتى %76 كە يەتتى

يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە شەخسىي مەقسەتتە رەسمىي ئورگانلارنىڭ تور بېكەتلىرى ۋە ئەپلىرىنى ئىشلەتكەنلەر ھەمدە تور ئارقىلىق ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن پايدىلانغانلارنىڭ نىسبىتى %76 دەپ بېكىتىلدى. بۇ نىسبەت ئەرلەردە %82.7، ئاياللاردا بولسا %69.4 نى ئىگىلىگەن.

«ئېلېكتىرونلۇق ھۆكۈمەت» (e-Devlet) مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلەتكەن كىشىلەرنىڭ ياش قۇرۇلمىسىغا قارىغاندا، بۇ نىسبەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەك  25–34 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا %93 بولغانلىقى؛ ئەڭ تۆۋەن چەك 65–74 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا %31.3 بولغانلىقى كۆرۈلدى.

2025-يىلى %55.7 بولغان تور ئارقىلىق شەخسىي مەقسەتتە مال ۋە مۇلازىمەت سېتىۋېلىش ياكى زاكاز قىلىش (ئېلېكتىرونلۇق سودا) نىسبىتى، بۇ يىل %60 كە ئۆرلىدى.

يېقىنقى ئۈچ ئايدا تور ئارقىلىق مائارىپ، كەسپىي ياكى شەخسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلارنىڭ نىسبىتى بۇ يىل ئۆتكەن يىلقىغا سېلىشتۇرغاندا 5.2 پوئېنت ئېشىپ، %22.9 غا يەتتى. بۇ نىسبەتنىڭ ئەرلەردە %22.4، ئاياللاردا بولسا %23.5 بولغانلىقى ئېنىقلاندى.

كىشىلەرنىڭ %90 ى «WhatsApp» ئىشلەتتى

ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ئۇچۇرلىشىش ئەپلىرى رەت تەرتىپى بويىچە: %90 بىلەن «WhatsApp»، %77.6 بىلەن «YouTube» ۋە %71.1 بىلەن «Instagram» بولدى. جىنس ئايرىمىسى بويىچە قارىغاندا، ئەرلەرنىڭ %92.5 ى «WhatsApp»، %80.1 ى «YouTube» ۋە %71.9 ى «Instagram» ئىشلەتكەن بولسا؛ ئاياللارنىڭ %87.6 ىنىڭ «WhatsApp»، %75 ىنىڭ «YouTube» ۋە %70.2 ىنىڭ «Instagram» ئەپلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە: «نېتانياھۇنىڭ مەقسىتى رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ ئورنىتىلىشىغا توسالغۇ بولۇشتۇر»
گازپروم: ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى قىسچىلىق تەمىنات خەۋپى ياراتماقتا
ترامپ: ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتى دۈشەنبە كۈنى قايتىدىن باشلىنىدۇ
ھاۋەلسان ئەزەربەيجانغا مۇھىم قوماندانلىق ۋە كونترول سىستېمىسىلىرىنىڭ بىرىنى ئېكسپورت قىلدى
ئىسرائىلىيە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا ئائىت تەكشۈرۈش دېلولىرىنىڭ %93 ىنى يېپىۋەتتى
غەززەدە بىنا خارابىلىكى ئاستىدىن 40 كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي 112 كىشىنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى
روسىيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى كىيېۋدىكى لىتۋانىيە ئەلچىخانىسىغا زىيان يەتكۈزدى
قىرغىزىستان ئىسسىق كۆلدە فورمولا-1 تېز سۇرئەتلىك كېمىلەر مۇسابىقىسىگە ساھىبخانلىق قىلماقتا
زېلېنسكىي روسىيەدىكى 3 نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ۋە بىر كونتېينېر پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
تۈركىيەنىڭ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ناتونىڭ ھاۋا كۆزىتىش نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالدى
ئىسرائىلىيە ئىيۇل ئېيىدا غەززەدە 150 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
موسكۋادا بىر قەھۋەخانا يېنىدا پارتلاش يۈز بەردى
پېرۇدا ساياھەت ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، 13 كىشى ئۆلدى
ترامپ ئىرانغا قىلىنىشى پىلانلانغان ھۇجۇمنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئەردوغانغا سۇيىقەست قىلىشقا ئۇرۇنغان فەتۆ ئەزاسى قولغا ئېلىندى