تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، خاقان فىدان قاتناشقان بۇ يىغىنغا مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئاتى، سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرھان ۋە ئامېرىكانىڭ ئەرەب ۋە ئافرىقا ئىشلىرىغا مەسئۇل يۇقىرى دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى ماسساد فارېس بولۇس قاتارلىق بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ئەربابلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.
«قاھىرە»دىكى بۇ يىغىندا، لىۋىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.

















