تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى قادىر ئۆزكايامۇ قاتناشقان بۇ قوبۇل قىلىش پائالىيىتى، 2026-يىلى فېۋرالدا مادرىدتا ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشلارنىڭ داۋامى سۈپىتىدە ئەمەلىيلەشكەن بولۇپ، زىيارەت ئاخىرىدا ئىككى دۆلەت ئالىي سوت مەھكىمىلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. زىيارەت دائىرىسىدە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ياخشى ئەندىزىلەر ۋە ئاساسىي قانۇن ئەدلىيەسىگە ئالاقىدار ئورتاق خىزمەت ساھەلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
ئۇچرىشىشلاردا يەنە شەخسىي ئەرز سىستېمىسى، ئاساسىي قانۇنلۇق شىكايەت مېخانىزمى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوت مەھكىمىسى (AİHM) قارارلىرىنىڭ دۆلەت ئىچى قانۇن سىستېمىسىدىكى رولى قاتارلىق مەسىلىلەر ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئالدى. تەرەپلەر ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنى قوغداش، قانۇننىڭ ئۈستۈنلۈكىنى تەكىتلەش ۋە ئىنسان قەدىر-قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، رەقەملىك تىرانسفورماتسىيە، سۈنئىي ئەقىل ۋە شەخسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
زىيارەت دائىرىسىدە ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ، ئىككى سوت مەھكىمىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى ئاشۇرۇپ، دېموكراتىك ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى كۈچەيتىشكە تۆھپە قوشىدىغانلىقى قەيت قىلىندى. پىروگرامما يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار بىلەن ئاخىرلىشىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئەدلىيە دىيالوگىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشىگە زېمىن ھازىرلىدى.




















