لىۋان تاراتقۇلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە يەنە بىر قېتىم خىلاپلىق قىلىپ، جەنۇبتىكى خىيام يېزىسىغا جايلاشقان بىر مەكتەپ بىناسىنى ۋەيران قىلغان.
دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى (National News Agency) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى بىناغا پارتلاتقۇچ بويۇملارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىنانى كېچىچە پارتلاتقان ۋە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغان.
مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.
لىۋان دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بۇيان لىۋاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى تەخمىنەن 2 مىڭ 300 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە، 7 مىڭ 500 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا ۋە 1 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى لىۋان پىرېزىدېنتى جوزېف ئەۋۇن ۋە نېتانياھۇ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، لىۋاندا 10 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلغان ئىدى.









