خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران يۈك پاراخوتىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتى ئىران بايرىقى ئېسىلغان بىر يۈك پاراخوتىغا ئوق چىقىرىپ ئۇنى تۇتۇپ قالغانلىقىدىن كېيىن، ئىران قوراللىق كۈچلىرى ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا قارشى ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلارنى ئىشلەتكەن.
ئىران يۈك پاراخوتىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىران يۈك پاراخوتىنىڭ تۇتۇپ قېلىنىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىش ئۈچۈن ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى / Reuters
2 سائەت بۇرۇن

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران قوراللىق كۈچلىرى يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بىر ئىران پاراخوتىغا ئوق چىقىرىپ مۇداخىلە قىلغانلىقىغا قايتۇرما زەربە بېرىش سۈپىتىدە، بىر قانچە ئامېرىكا پاراخوتىغا ئۇچقۇچىسىز ئاپپارات بىلەن ھۇجۇم قىلغان.

يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى تەسنىم، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئومان قولتۇقىدا «TOUSKA» ناملىق كونتېينېر پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىدىن كېيىن، ئىران ئۇچقۇچىسىز ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامېرىكا پاراخوتلىرىغا ئوق چىقارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما نىشانلارنىڭ ھەربىي ياكى سودا پاراخوتى ئىكەنلىكى ئېنىق ئېيتىلمىدى.

ئىران ئىلگىرى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ پاراخوتىنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ 7-ئاپرېلدا پاكىستاننىڭ ۋاستىچىلىقىدا جاكارلانغان ھەمدە زور دەرىجىدە ئەمەل قىلىنىۋاتقان ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «پات يېقىندا» قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

يەنە بىر يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، خاتەمۇل ئەنبىيا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ پاراخوتىنى نىشانلىغانلىقىنى، يول باشلاش سىستېمىسىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پاراخوت ئىز قوغلاش سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، «TOUSKA» ناملىق پاراخوت 12-ئاپرېلدا مالايسىيادىكى پورت كلاڭدىن يولغا چىققان.

ئىران ھەربىي باياناتچىسى ئىبراھىم زۈلفىقارى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ پاراخوتقا چىقىشتىن بۇرۇن ئوق چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ ۋەقەنى دەسلەپتە يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئېلان قىلغان بولۇپ، كېيىنچە ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى تەرىپىدىنمۇ جەزملەشتۈرۈلدى. ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «USS Spruance» ناملىق پاراخوت ئومان قولتۇقىدىكى ئامېرىكا دېڭىز قامالىغا خىلاپلىق قىلىشقا ئۇرۇنغان ئىران بايراقلىق يۈك پاراخوتىنى توتۇپ قالغان.

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بايانىغا قارىغاندا، دېڭىز ئارمىيە پىيادە ئەسكەرلىرى پاراخوتنى ئامېرىكىنىڭ نازارىتى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرماقتا. مەزكۇر ئورگان ئېلان قىلغان باياناتىدا، پاراخوتنىڭ ئىراننىڭ بەندەر ئابباس پورتىغا كېتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى CENTCOM يەنە X سۇپىسىدا بىر ئامېرىكا ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئوق چىقىرىشتىن بۇرۇن پاراخوتقا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى ئېلان قىلدى.

زۈلفىقارى: «تاجاۋۇزچى ئامېرىكا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى ۋە دېڭىز قاراقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، يول باشلاش سىستېمىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن ئىران پاراخوتلىرىدىن بىرىگە ھۇجۇم قىلدى» دەپ بايانات بەردى ھەمدە ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ پاراخوتقا «بىر تۈركۈم تېررورچى دېڭىزچىلارنى» ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن چىققانلىقىنى ئەسكەرتتى.

زۈلفىقارى يەنە: «ئىران ھەربىي كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ قوراللىق قاراقچىلىق ھەرىكىتىگە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ۋە ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىمىز» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran vows to retaliate 'soon' after US forces seize commercial vessel
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئەسكىرى جەنۇبىي لىۋاندا ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەيكىلىنى چىقىپ تاشلىدى
لاۋروف: «رۇسىيە ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا قايتا باشلىنىشىغا ئىجابىي قارايدۇ»
ئىران باش سۆھبەتچىسى: «تېھران سىجىل تىنچلىقنى خالايدۇ، ئەمما ھۇجۇملارغا قارىتا كاپالەت تەلەپ قىلىدۇ»
ئىران ئامېرىكانىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن تاقىدى
ترامپ: «ئىران بىلەن ناھايىتى ياخشى سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردۇق، ھورمۇز ئارقىلىق تەھدىت سالماڭلار»
ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى» مودېلىغا قايتىش يوللىنى تاللىدى؟
ئىسرائىلىيە زاھرانى دەرياسىنىڭ جەنۇبىدا ياشايدىغان لىۋانلىقلارنىڭ رايوننى بوشىتىشىنى تەلەپ قىلدى
پېنتاگوننىڭ كۇباغا قىلىنغۇسى ھەربىي ھەرىكەت پىلانىنى «تېزلەتكەن»لىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ۋىيېتنام خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ساقلىماقتا
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە سۆھبەت باشلاتتى
ترامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
روھىڭگيا ۋە بېنگاللىقلارنى توشۇۋاتقان كېمە چۆكۈپ كەتتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
جەنۇبىي كورېيە بىلەن پولشا مۇداپىئە ساھەسىدىكى ئالاقىلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرماقتا
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا پاسخا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش توختىتىش ئاخىرلاشتتى
پېدرو سانچېز: «خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ»
ئاراقچى: سۆھبەت نابۇت بولۇشتىن ئىلگىرى كېلىشىم ھاسىل قىلىشقا ئىنتايىن يېقىنلاشقان ئىدۇق
ئامېرىكانىڭ ئىران پورتلىرىنى قورشاۋغا ئېلىش قارارىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا 175 تىن ئۇرۇش ئەسىرىنى ئالماشتۇردى