خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
لاۋروف: «رۇسىيە ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا قايتا باشلىنىشىغا ئىجابىي قارايدۇ»
رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا 2025-يىلى 16-ماي ھەمدە 2-ئىيۇن ۋە 23-ئىيۇل كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۈچ قېتىم تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن ۋە سۆھبەتلەر چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى كېلىشىملەر ئۈچۈن لايىھە ھۆججەتلەر بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى.
لاۋروف: «رۇسىيە ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا قايتا باشلىنىشىغا ئىجابىي قارايدۇ»
لاۋروف: «رۇسىيە ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا قايتا باشلىنىشىغا ئىجابىي قارايدۇ» / AA
2 سائەت بۇرۇن

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف دۆلىتىنىڭ ئۇكرائىنا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنىڭ ئىستانبۇلدا قايتىدىن باشلىنىش ئېھتىمالىغا "ئىجابىي" قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شەنبە كۈنى 5-نۆۋەتلىك ئانتاليە دىپلوماتىيە مۇنبىرىدە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ، تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا قايتىدىن باشلىنىش ئېھتىمالى ۋە ئەنقەرەنىڭ ۋاسىتىچىلىك رولىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەن لاۋروف: «سۆھبەتلەرنىڭ ئىستانبۇلدا قايتىدىن باشلىنىش ئېھتىمالىنى ئىجابىي باھالايمىز» دېدى.

سۆھبەتلەرنى قايتىدىن باشلاش مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە بىرىنچى دەرىجىلىك ئەۋزەللىك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن لاۋروف، رۇسىيە تەرەپنىڭ سۆھبەتلەرنى ھېچكىمگە ھەرگىز تاڭمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لاۋروف يەنە: «بىز ھەرۋاقىت بىرەر ھەمكارلاشقۇچى خاھىش بىلدۈرسە بىزنىڭمۇ تەييار بولىدىغانلىقىمىزنى پەرەز قىلىپ كەلدۇق. بۇ ئەھۋال سۆھبەت ئېلىپ بارغان ئۇكرائىنالىق خىزمەتداشلىرىمىزنىڭ ئىنتايىن ناچار خاتىرىلىرىگە قارىتامۇ كۈچكە ئىگە» دېدى.

لاۋروف سۆزىنىڭ داۋامىدا ئۇكرائىنا تەرەپ بىلەن 2022-يىلى ئاپرېلدا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى ۋە شۇنداقلا 2025-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ چوڭ شەھەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۈچ قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئۇ: «سۆھبەتلەردىن قاچمايمىز. بىرى تەييار بولغاندا تەكلىپىنى بەرسۇن. ۋاقتىنىڭ توغرا، ئورنىنىڭ مۇۋاپىق ياكى ئەمەسلىكىگە ھەمدە كۈنتەرتىپنىڭ نېمە ئىكەنلىكىگە شۇ چاغدا قارايمىز» دېدى.

رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ئۆتكەن يىلى ئىستانبۇلدا 16-ماي، 2-ئىيۇن ۋە 23-ئىيۇل كۈنلىرى ئۈچ قېتىم يېڭىلانغان تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ باردى. سۆھبەتلەر تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا چوڭ كۆلەملىك ئەسىر ئالماشتۇرۇشنى ۋە ئېھتىماللىق  دائىرىسىدىكى تىنچلىق كېلىشىمى ئۈچۈن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەۋقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھە كېلىشىملەرنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

ئامېرىكا ۋاسىتىچىلىكىدە بولسا موسكۋا بىلەن كىيېۋ، بۇ يىلنىڭ بېشىدا 23-24-يانۋار، 4-5-فېۋرال ۋە 17-18-فېۋرال كۈنلىرىمۇ ئۈچ قېتىم تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزگەن ئىدى. بۇلارنىڭ ئالدىنقى ئىككىسى ئەبۇ زەبىدە، ئۈچىنچىسى بولسا جەنۋەدە ئېلىپ بېرىلدى. شۇندىن بۇيان، موسكۋا بىلەن كىيېۋ رۇسىيە-ئۇكرائىنا تىنچلىق سۆھبەتلىرىدىكى توختاپ قېلىشنى ئامېرىكانىڭ ئىرانغا مەركەزلىشىپ قالغانلىقى بىلەن باغلىشى سەۋەبىدىن سۆھبەتلەرنى ۋېاتىنچە توڭلىتىپ تۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، موسكۋانىڭ، ئامېرىكانىڭ كەلگۈسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى قانداق مۆلچەرلەيدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتىنىڭ كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لاۋروف: «تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر تىلغا ئېلىنىۋاتقاندا... (سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو) بايدىن دەۋرىدىن بۇيان ئېمبارگولار بىكار قىلىنمىدى، ھەتتا دىپلوماتىك مۈلۈكلەرمۇ قايتۇرۇپ بېرىلمىدى» دېدى.

لاۋروف لۇكوئىل (Lukoil) ۋە روسنېفت (Rosneft) غا ئوخشاش رۇسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن يېڭى ئېمبارگولارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتوننىڭ يەر شارى ئېنېرگىيە بازارلىرىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى "ئوچۇق ئاشكارە ئېلان قىلىنغان" بىر نىشان سۈپىتىدە تەسۋىرلىدى. لاۋروف يەنە، رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى دەۋرىدىمۇ "نۇرغۇن ئىختىلاپلار"نى باشتىن كەچۈرۈشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھورمۇز بوغۇزىدىكى قورشاۋ داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە لاۋروف، پەلەستىن مەسىلىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا مەسىلىلەرنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىقتا بولدى.

لاۋروف: «ھېچكىم غەربىي قىرغاقنى ئەسلىمەيدۇ، ھېچكىم ئىسرائىلىيە رەھبەرلىكىنىڭ بىر پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قەتئىي قۇرۇلمايدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېلان قىلغانلىقتەك پاكىتىنى تىلغا ئالمايدۇ» دېدى ھەمدە ب د ت نىڭ ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى قارارىنىڭ "سەل قارىلىشى ۋە زور دەرىجىدە يوق قىلىنىشىنىڭ نومۇس قىلارلىق ئىش بولىدىغانلىقىنى" ئېيتتى. اندىن سۈرىيەدىمۇ ئىنتايىن قىيىن مۇساپىلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.  

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەنە: «پارس قولتۇقىدىكى ئۇرۇش، مېنىڭچە ھەرقانداق بىر يامان نىيەتتىن كېلىپ چىقمىغان ئىدى. مەدەنىيەتنى يوقىتىشقا قارىتىلغان ھەقىقىي پىلانلار بار دەپ ئويلىمايمەن. بۇ مېنىڭچە بىر ئىپادىلەش شەكلى. ئەمما پارس قولتۇقىدىن، ھورمۇز بوغۇزىدىن ۋە ئومان قولتۇقىدىن ئۆتىدىغان نېفىتنى كونترول قىلىش پىلانلىرى بار ئىدى» دېدى.

لاۋروف سۆزىنىڭ داۋامىدا موسكۋانى بىر "قەغەز يولۋاس"قا سېلىشتۇرۇش مەسىلىسىدە ئېھتىياتچان بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنىڭ كىلاسسىك ھەربىي ئىتتىپاقلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تېخىمۇ ئىشەنچلىك سۈپەتتە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە سۈنئىي ئەقىلدىكى ساختا ئۇچۇرلارغا يېڭى سانلىق مەلۇمات ھەرىكىتى ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقتا
ئامېرىكا ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىۋاسىتە سۆھبەت باشلاتتى
ترامپ ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ناھايىتى تېزلا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
روھىڭگيا ۋە بېنگاللىقلارنى توشۇۋاتقان كېمە چۆكۈپ كەتتى، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس
10 دۆلەت لىۋاندىكى ھۇجۇملارنىڭ «دەرھال ئاخىرلىشىشى» نى تەلەپ قىلدى
ترامپ ئىران مەسىلىسىدە بۇرۇلۇش نۇقتىسى سىگنالى بەردى؛ ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى ئۇزارتىلماسلىقى مۇمكىن
شەرىف ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رىياد، دوھا ۋە ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلايدۇ
ماكرون ترامپ بىلەن پەزەشكىياننى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى