ئامېرىكا ئىسرائىلىيە ۋە لىۋان ۋاشىنگتوندىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچ تەرەپلىك يىغىندىن كېيىن، بىۋاسىتە مۇزاكىرىلەرنى باشلاش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى توممى پىگوت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيونىڭ ساھىبخانلىقىدا، لىۋان باش ئەلچىسى نادا ھامادەھ ۋە ئىسرائىلىيە باش ئەلچىسى يېخىئېل لېيتېرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، بىۋاسىتە سۆھبەتلەرنى باشلاش قەدەملىرى ھەققىدە «نەتىجىلىك مۇزاكىرىلەر» ئېلىپ بېرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا: «بارلىق تەرەپلەر، ئۆزئارا كېلىشىلگەن بىر ۋاقىت ۋە ئورۇندا بىۋاسىتە مۇزاكىرىلەرنى باشلاشقا قوشۇلدى» دېيىلدى ۋە ئامېرىكانىڭ، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ 2024-يىللىق كېلىشىم دائىرىسىدىن ھالقىپ، «كەڭ دائىرىلىك بىر تىنچلىق كېلىشىمى»گە يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ۋاشىنگتون ھۇجۇملارنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا قارىتىلغان ھەر قانداق كېلىشىمنىڭ، ئامېرىكىنىڭ ۋاسىتىچىلىقى بىلەن ئىككى ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ئايرىم بىر يول بىلەن بولۇشى لھزڭملىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە لىۋاندىكى دۆلەت ھالقىغان قوراللىق گۇرۇپپىلارنى قورالسىزلاندۇرۇشقا ۋە مىلىتانت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان.
لىۋان 2024-يىلى نويابىردىكى كېلىشىمنىڭ تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنىڭ «جىددىي زۆرۈر» ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلەپ، ئۇرۇش توختىتىشقا ۋە دۆلەتنىڭ ناچارلىشىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا قارىتىلغان «ئەمەلىي تەدبىرلەر» نى قوللىنىشقا چاقىرغان.

بىۋاسىتە دىپلوماتىك ئالاقە
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 30 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى تۇنجى بىۋاسىتە دىپلوماتىك ئالاقە بولغان بۇ سۆھبەتلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.
رۇبىيو مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ بىر «مۇساپە» نىڭ باشلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، دائىمىي بىر ھەل قىلىش چارىسى ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى، ئەمما «مۇقىم» بىر تىنچلىق ئۈچۈن ئاساس سېلىشقا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇبىيو: «بۇ مەسىلىنىڭ بارلىق مۇرەككەپ تەرەپلىرى كەلگۈسى ئالتە سائەت ئىچىدە ھەل بولمايدۇ، ئەمما بىز بۇ يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەشكە باشلىيالايمىز» دېدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، 2024-يىلى نويابىردا يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، 2-مارتتىن بۇيان لىۋان مىقياسىدىكى ھۇجۇملىرىنى كېڭەيتكەن ئىدى.
لىۋان سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇندىن بۇيان ئەڭ ئاز بولغاندا 2089 كىشى ئۆلگەن.
ھىزبۇللاھ بۇ مۇزاكىرىلەرنى «پايدىسىز» دەپ سۈپەتلەپ، ھۆكۈمەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ «تاجاۋۇزچىلىقى» غا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى رايونلارنى ئون نەچچە يىلدىن بېرى، باشقا رايونلارنى بولسا ئىلگىرىكى توقۇنۇشلاردىن تارتىپ ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە.






