تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملار رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇردى
تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پاكىستان ۋە قاتار رەھبەرلىرى بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلىرىدە، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان: ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملار رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇردى
ئەردوغان قاتار ۋە پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئانادولۇ ئاگېنتلىقى.
2 سائەت بۇرۇن

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇملارنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان جۈمە (2026-يىلى 17-ئاپرېل) كۈنى ئانتاليا دىپلوماتىيە مۇنبىرى ھارپىسىدا، پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف ۋە قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئەل سانى بىلەن كۆرۈشكەندە، تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى قوغداش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە رايوندىكى داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلارنىڭ، يېڭى ۋە پۇختا ئاساسقا ئىگە «رايونلۇق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى» غا بولغان ئېھتىياجنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىنى رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۈچ رەھبەر پۈتكۈل رايوندا سىجىللىققا ئىگە تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان ئورتاق قەدەملەر ئۈستىدە توختالغان.

ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئەردوغان بىلەن پاكىستان باش مىنىستىرى شەرىف ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىرانغا ئالاقىدار داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى ھەمدە كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان دىپلوماتىك ماسلىشىشنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ پاكىستان بىلەن ئېنېرگىيە، سودا ۋە مۇداپىئە قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ پاكىستاننىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى رولىغا يۇقىرى باھا بەردى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ بۇنى تېخىمۇ ئەتراپلىق تىنچلىق كېلىشىمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى چوقۇم كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، يېڭى رايونلۇق بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسى بەرپا قىلىشقا چاقىردى ۋە مۇقىمسىزلىقنىڭ، پەلەستىن مەسىلىسىنى «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى» ئاساسىدا ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا توسالغۇ بولماسلىقى كېرەكلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

سۈرىيە رەھبىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇنبەرنىڭ ھارپىسىدا، سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد ئەل شارا  (Ahmed al Sharaa)  بىلەن كۆرۈشتى. بۇ رايون ۋەزىيىتى ئۆزگىرىۋاتقان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان مۇھىم ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەردوغان سۈرىيەگە يۇقىرى باھا بېرىپ، دەمەشىقنىڭ ئۆز ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات جەھەتتە قەتئىي قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇ جەرياندا داۋاملىق سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان كۆرۈشۈشتە سۈرىيەنىڭ رايوندىكى توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى ھەمدە ئەنقەرە بىلەن دەمەشىق ئوتتۇرىسىدا مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، سودا، ئېنېرگىيە ۋە قاتناش قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنىڭ سۈرىيەنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە سۈرىيەنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى بىرلىشىش مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق ۋە ئۈزۈلۈپ قالماي تاماملاشقا چاقىرىپ، بۇنىڭ پۈتكۈل رايونغا مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئېلاۋە قىلدى..

بۇ ئۇچرىشىشقا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە ئىستىخبارات ئىدارسىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم قالىن قاتارلىق تۈركىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىمۇ قاتناشتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Erdogan warns of global crisis, urges diplomacy, regional stability at Antalya Diplomacy Forum
ئىزدىنىڭ
شەرىف ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن رىياد، دوھا ۋە ئەنقەرە زىيارىتىنى باشلايدۇ
ماكرون ترامپ بىلەن پەزەشكىياننى تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاشقا چاقىردى
25 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتتى؛ ئامېرىكانىڭ قامالىغا قارىماي دېڭىز قاتنىشى داۋاملاشماقتا
خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشتى
«WSJ»: سەئۇدى ئەرەبىستان ئامېرىكاغا «ھورمۇز قورشاۋىنى بىكار قىل» دەپ بېسىم ئىشلەتمەكتە
مېلونى: ئىتالىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇداپىئە كېلىشىمىنى توڭلىتىپ قويدى
خىتاي ۋە ئىسپانىيە «پارچىلىنىۋاتقان» دۇنيا تەرتىپىدە بىرلىككە كېلىش سىگنالى بەردى
ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزگەن خىتاي ماي توشۇش پاراخوتى ھورمۇز بوغۇزى قورشاۋىنى بۆسۈپ ئۆتتى
ئىران بەش ئەرەب دۆلىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسلامئاباد: ئامېرىكا بىلەن ئىران يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت باشلاش ئۈچۈن دىيالوگنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە جەنۇبىي لىۋاننى ئۇزۇن مۇددەت بېسىۋېلىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
باش مىنىستىر مېرز نېتانياھۇنى غەربىي قىرغاقىنى «قىسمەن بېسىۋېلىش» مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى
ئىران يادرو قۇيۇلدۇرۇشنى 5 يىل توڭلىتىشنى تەكلىپ قىلدى، ئامېرىكا 20 يىلدا چىڭ تۇردى
ۋانىس: پاكىستاندىكى ئىران سۆھبەتلىرىدە «زور ئىلگىرىلەش» قولغا كەلتۈرۈلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنى يېڭى دۈشمەن دەپ ئېلان قىلىشنىڭ كۇيىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋاتىمىز