سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋانغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقى مەزگىلىدە شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىققانلىقى خەۋەر قىلىندى.
ۋىتكوف بىلەن ئاراقچى شىۋېيتسارىيەدە سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ
ۋىتكوف پىرېزىدېنت ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارىد كۇشنېرغا قوشۇلۇش ئۈچۈن شىۋېيتسارىيەگە قاراپ يولغا چىققان. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

«ئاكسىيوس» (Axios) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) بىلەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن شىۋېيتسارىيەگە سەپەر قىلغان.

ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ جۈمە (2026-يىلى 19-ئىيۇن) كۈنى لىۋاندا ئۇرۇش توختىتىشقا قوشۇلدى. ئىسىرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھنىڭ كۈچەيگەن توقۇنۇشلىرى ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىش ۋە نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاچقۇچلۇق بولغان ئامېرىكا-ئىران سۆھبىتىگە كۆلەڭگە تاشلىغان ئىدى.

بۇ ئەھۋال، ئىككى تەرەپنىڭ بۇ ھەپتە توقۇنۇشنى توختىتىش ۋە ئىراننىڭ يادرو پىلانىدىكى ئىختىلاپلار بىلەن، ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىم ئۈچۈن زۆرۈر بولغان باشقا قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە، 60 كۈنلۈك پۇرسەت مەزگىلى يارىتىش ئۈچۈن ئىمزالانغان 14 ماددىلىق ئۆزئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىش ئەسلەتمىسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ج د ۋەنس (JD Vance) ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن پەيشەنبە (18-ئىيۇن) كۈنىدىكى شىۋېيتسارىيە سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

ئاكسىيوس خەۋەرلەر تورى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى بىلەن، ۋىتكوفنىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى جارد كۇشنېر (Jared Kushner) غا قوشۇلۇش ئۈچۈنشىۋېيتسارىيەگە قاراپ يولغا چىققانلىقىنى، ئاراقچىنىڭمۇ شەنبە كۈنى شىېيتسارىيەگە يېتىپ بارىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  

بۇ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخنىكىلىق سۆھبەتنى باشلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنىڭ سىگنالى بولۇشى مۇمكىن.

ئاقساراي ۋىتكوفنىڭ سەپىرىگە مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بەرمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israel's Netanyahu may make moves to jeopardise Trump's Iran peace push: US intel

لىۋان تاجاۋۇزچىلىقى

ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىش تەخمىنەن سائەت  (19-ئىيۇن) 16:00 لەردە كۈچكە ئىگە بولغان بولۇپ، ئامېرىكا ۋە قاتار سۆھبەت ۋەكىللىرى ئىراننىڭ ياردىمى بىلەن بۇ كېلىشىمنى تەييارلىغان.

ئىككى نەپەر ھىزبۇللاھ ئەزاسى ۋە بىر ئىسرائىلىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئۇرۇش توختىتىشنى توغرىلىدى.

ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدار: «ئەگەر ھىزبۇللاھ بىزگە ھۇجۇم قىلمىسا، بىز ئۈچۈن ئۇرۇش ۋاقتى ئەمەس» دېدى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئىشغال قىلغان رايونلىرىدا ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ داۋاملىق تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىككى لىۋان بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ بىرىنچى سائىتىدە ئىسرائىلىيە بىر قانچە قېتىم ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان، ئەمما سائەت 17:00دىن كېيىن ھېچقانداق ھۇجۇم مەلۇم قىلىنمىغان.

لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنىگە ئۆتكەن كېچىدىكى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا 47 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 97 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، لىۋاندىكى بىر ۋەقەدە تۆت ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئەمما تەپسىلاتىنىڭ ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندىكى ھۇجۇمى سۆھبەتكە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ يەردىكى توقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمىنىڭ بىر شەرتى ھېسابلىنىدۇ.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاراقچى جۈمە كۈنى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، ئامېرىكانىڭ كېلىشىم دائىرىسىدىكى مەجبۇرىيەتلەرگە، جۈملىدىن لىۋاندىكى توقۇنۇشنى توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشىغا مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتقان پەيتلەردە، رۇسىيە كىيېۋغا ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان باش ئەلچىلەرنىڭ ئىشەنچ خەتلىرىنى قوبۇل قىلدى
لوس ئانجېلېستا دۇنيا لوڭقىسى ھاياجانى: «Turkish Vibe Zone» زىيارەتچىلىرىنى كۈتمەكتە
ئەردوغان ئىسپانىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى خۇئېرتاسنى قوبۇل قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان فەنەر رىم پاترىكى بارتولومېئوسنى قوبۇل قىلدى
تۈركىيە كوماندىسى پۈتۈن دىققىتىنى پاراگۋاي كوماندىسىنى يېڭىشكە مەركەزلەشتۈردى
سۈنئىي ئەقىل ئالدامچىلىقى ئۆتكەن يىلى دۇنيا مىقياسىدا 442 مىليارد دوللار زىيان كەلتۈرۈپ چىقاردى
كونياغا ناتونىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
فىدان: ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك
ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن 780 مىليون ياۋرولۇق كېلىشىم
«ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى لىۋاندىكى ئۇرۇشنىڭ توختىشىدۇر»
تۇساش (TUSAŞ) دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىدە «ئەڭ ئالقىشلانغان شىركەت» بولۇپ تاللاندى
ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە يېڭى بىر ئايرودۇرۇم ئېچىلدى
ئامېرىكا: ئىران بىلەن تۈزۈلگەن تىنچلىق كېلىشىمى دائىرىسىدە ھورمۇز بوغۇزى ھەقسىز ئۆتۈشكە ئېچىۋېتىلدى
تۈركىيە فەتۆ قاچقۇنلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلىدى