ئىسرائىلىيە بىلەن ماراكەش ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنى باش ئەلچىخانا دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈش ۋە باش ئەلچى تەيىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدى.
ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گىدېئون سائار، ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناسىر بۇرېتە ۋە ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى مايك ۋولتزنىڭ نىيۇيوركتا ئۈچ تەرەپلىك باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
يىغىندا ئىسرائىلىيە بىلەن ماراكەش ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك ۋاكالەتخانىلىرىنى باش ئەلچىخانا دەرىجىسىگە ئۆستۈرۈش ۋە باش ئەلچى تەيىنلەش توغرىسىدىكى نىيەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ۋە سودا ئالاقىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەبلەغ سېلىشنى قوغداش ۋە قوش باج ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەرنى ئىمزالاش قارار قىلىندى.
باياناتتا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان قاتنىشىنى كېڭەيتىش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆزئارا زىيارەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.
2020-يىلى ماراكەش، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە سۇدان ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشقا قوشۇلغان ئىدى. بۇ دۆلەتلەر مەزكۇر مۇساپىنى «ئىبراھىم كېلىشىملىرى» نامىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەر ئارقىلىق رەسمىيلەشتۈرگەن.
مەزكۇر كېلىشىم دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن ماراكەش دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان، تېل ئاۋىۋ ۋە راباتتا ئۆزئارا ۋاكالەتخانا ئاچقانىدى.





















