خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
دانىيە ھەربىي تىك ئۇچارىغا رۇسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىدىن سىگنال ئوقى ئېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راسمۇسسېن رۇسىيەنىڭ كوپېنھاگېندىكى باش ئەلچىسى باربىننى مىنىستىرلىققا چاقىرتتى.
دانىيە ھەربىي تىك ئۇچارىغا رۇسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىدىن سىگنال ئوقى ئېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى
دانىيە ھەربىي تىك ئۇچارىغا رۇسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىدىن سىگنال ئوقى ئېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى

دانىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ھاۋا ئارمىيە تىك ئۇچارىغا خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە رۇسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىدىن سىگنال ئوقى ئېتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقتىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تىك ئۇچارنىڭ دانىيەنىڭ فالستېر ئارىلىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىغا جايلاشقان گېدسېر دېڭىز تەۋەلىكى سىرتىدىكى خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدە دائىملىق سۈرەتكە تارتىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تىك ئۇچارغا خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكىدىكى رۇسىيە قوغدىغۇچى پاراخوتىدىن سىگنال ئوقى ئېتىلغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا: «2 دانە سىگنال ئوقى ئېتىلدى. ئېتىلغان ئوقلاردىن بىرى تىك ئۇچارنىڭ ناھايىتى يېقىنىدىن ئۆتۈپ كەتتى» دېگەن سۆزلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا تىك ئۇچار بىلەن ئۇنىڭدىكى خادىملارنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيەنىڭ كوپېنھاگېندىكى باش ئەلچىسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلدى

دانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ X ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان يازمىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لارس لوككې راسمۇسسېننىڭ كۆز قارىشىغا ئورۇن بېرىلدى.

راسمۇسسېن يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ كوپېنھاگېندىكى باش ئەلچىسى ۋلادىمىر باربىننى مىنىستىرلىققا چاقىرتىپ كەلگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.

دانىيە باش مىنىستىرى مېتتې فرېدېرىكسېنمۇ رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ بەك «تاجاۋۇزچىلىق» پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى سىناۋاتىدۇ ۋە قىستىۋاتىدۇ. بىزنىڭ جاۋابىمىز بولسا تېخىمۇ يېقىنلىشىش، شۇنداقلا دانىيە بىلەن ياۋروپانىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش بولىدۇ» دېدى.

ئىزدىنىڭ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان سۈرىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
مىنىستىر فىدان: «سۈرىيە-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى يېقىنقى ئىككى يىلدا زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى» دېدى
يەمەن دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا قايتىدىن ئورنىتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى
خىتاي ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىغا تەۋە كۆرۈنۈشلەرنى ئىرانغا بەردىمۇ؟
شىمالىي كورېيە ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
ياۋروپادىكى 9 دۆلەت ئايرودۇرۇملاردىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن كىرىش-چىقىش سىستېمىسىنى كېچىكتۈردى
ناتو ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن «تەھدىت» قۇشلار توپى بولۇپ چىقتى
رۇسىيە: ئۇكرائىنانىڭ غەربىدىكى تۆمۈريول ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇردۇق
پەزەشكىيان: ئىران بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە پۈتۈشتى
سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
مورو خەلقى ئاپتونومىيە تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بېلەت تاشلىدى
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تۆت شەھەرگە جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى چىقىرىلدى
قازاقىستان بىلەن تۈركىيە ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
سەئۇدى ئەرەبىستان شەرق-غەرب نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسىگە ئىراقتىن قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە بايانات بەردى
بۇلغارىيەدىكى قورال زاۋۇتىدا ئىككىنچى قېتىم پارتلاش يۈز بەردى