ئەمەلدارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كېمىگە ھۇجۇم قىلىپ، كېمىدىكى تۆت كىشىنى ئۆلتۈرگەن.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى جەنۇبىي قوماندانلىق ئىتتىپاقى (Southcom) چارشەنبە كۈنى X سۇپىسىدا ئېلان قىلغان بىر يازمىسىدا، مەزكۇر كېمىنىڭ «كارىب دېڭىزىدىكى مۇئەييەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى لىنىيەلىرى بويىچە سەپەر قىلغانلىقى ۋە زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى» ئىبارىلىرىنى ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، «بۇ ھەرىكەت جەريانىدا تۆت نەپەر زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلدى. ھېچقانداق ئامېرىكا ئەسكىرى زىيانغا ئۇچرىمىدى» دېدى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سېنتەبىر ئېيىنىڭ بېشىدا كارىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياننىڭ شەرق تەرىپىدە ئەتكەسچىلىك قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن كېمىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم بىلەن بىرگە ئلاتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ئەڭ ئاز دېگەندە 163 كە يەتتى.
ئامېرىكا پىرېزېدېنتى دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى، دۆلىتىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋە ئۆزلىرى «زەھەرلىك چېكىملىك تېررورچىلىرى» دەپ ئاتىغان گۇرۇپپا بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇرۇش ھالىتىدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
بىراق ترامپ ھۆكۈمىتى ھۇجۇم نىشانى قىلغان كېمىلەرنىڭ ھەقىقەتەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىغا ئائىت ئىنتايىن ئاز پاكىت كۆرسەتتى.
تەنقىدچىلەر كېمە ھۇجۇملىرىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن قانۇنىيلىقى ۋە ئۈنۈمىدىن گۇمانلىنىپ، بۇلارنىڭ سوتسىز ئۆلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماقتا.
كېمىلەرگە قارىتىلغان ھۇجۇملار، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىرانغا ئۇرۇش پاراخوتلىرى ۋە ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرىكەتلەرگە دىققەت مەركەزلەشتۈرگەن بىر پەيتتە، لاتىن ئامېرىكىسىدا داۋاملاشماقتا. 82-ھاۋا ئارمىيە تۈەنىدىن قوشۇمچە دېڭىز پىيادە ئەسكەرلىرى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ رايونغا ئورۇنلىشىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.








