ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
بازارلاردا كۈچلۈك داۋالغۇش:ترامپنىڭ ئىرانغا بەرگەن 48 سائەتلىك مۆھلىتىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
ترامپ ئىرانغا ھورمۇز بوغۇزىنى قايتا ئېچىشى ئۈچۈن 48 سائەت مۆھلەت بېرىپ، ئەكسىچە بولغاندا ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تېھران بولسا ترامپ تەھدىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە، بوغۇزنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بازارلاردا كۈچلۈك داۋالغۇش:ترامپنىڭ ئىرانغا بەرگەن 48 سائەتلىك مۆھلىتىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
Бул архив сүрәти Токиодики бир брокерлик ширкәтниң сиртида, Азия дөләтлириниң акция индекси باھالىرىنى көрситип туруватқан электрон экранниң алдидин өтүп кетиватқан бир аялни көрситиду. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئىرانلىق رەھبەرلەرنىڭ ھالقىلىق ھورمۇز بوغۇزى مەسىلىسىدە ئۆزئارا تەھدىت سېلىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىن شەرقتىكى ئۇرۇشنىڭ يەنە بىر نەچچە ھەپتە داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلىشى بىلەن بىرگە، پاي چېكى بازارلىرى قاتتىق چۈشتى ۋە نېفىت باھاسى ئۆرلىدى.

ترامپ ئىرانغا ھورمۇز بوغۇزىنى قايتا ئېچىشى ئۈچۈن 48 سائەت مۆھلەت بەردى، ئەكسىچە بولغاندا ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تېھران بولسا ترامپ تەھدىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەقدىردە، بوغۇزنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى. توقۇنۇشنىڭ تۆتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويۇشى ۋە ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىر ئىشارەتنىڭ كۆرۈلمەسلىكى بازارلاردىكى جىددىيچىلىكنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇردى.

كۆزەتكۈچىلەر مەركىزى بانكىلارنى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەجبۇرلىيالايدىغان بىر پۇل پاخاللىقى دولقۇنى ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە، ئوغۇت توشۇشنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىمۇ يەر شارى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشەلەرنى كۈچەيتتى. جىددىيچىلىكنىڭ ئەۋج ئېلىشى پاي چېكى بازارلىرىغا زەربە بەردى؛ ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئەڭ ياخشى نەتىجە كۆرسەتكەن سېئۇل ۋە توكيۇ بازارلىرىدا سېتىش دولقۇنى كۆرۈلدى. خوڭكوڭ پاي چېكى بازىرى 3 پىرسەنتتىن ئارتۇق قىممىتىنى يوقاتقان بولسا؛ شاڭخەي، تەيبېي ۋە مانىلا بازارلىرى 2 پىرسەنتتىن ئارتۇق زىيانغا ئۇچرىدى.

نېفىت باھاسى يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەپ، بىرېنت نېفىتىنىڭ 112 دوللار ئەتراپىدا، غەربىي تېكساس تىپىدىكى خام نېفىتنىڭ (WTI) بولسا 100 دوللارنىڭ سەللا ئاستىدا سودا قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ھورمۇز كىرىزىسى چوڭقۇرلاشماقتا

ترامپ «تراس سوشىئال» (Truth Social) ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، تېھراننىڭ بوغۇزنى دۈشەنبە كۈنى گىرىنۋىچ ۋاقتى 23:44 كىچە پۈتۈنلەي ئاچمىغان تەقدىردە، ئامېرىكانىڭ ئىراندىكى ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى «يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغانلىقى»نى يازدى.

ئىران بولسا، بۇ تەھدىتكە قارىتا ھورمۇزنىڭ پۈتۈنلەي تاقىلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇشىنى بەردى. ئىران پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد باقىر قالىباف تېھراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى زەربىگە ئۇچرىغان تەقدىردە، رايون مىقياسىدىكى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇل ئەسلىھەلەرنى يوقىتىش بىلەن تەھدىت سالدى. ئاخىرقى جىددىيچىلىك ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاندا ھىزبۇللاھقا قارشى قۇرۇقلۇق ھۇجۇمىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن بىرگە تېخىمۇ ئەۋج ئالدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى