غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە 57 مىليارد دوللار زىيان تارتتى
ئىسرائىلىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى مەلۇماتلىرى، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە رايونلۇق توقۇنۇشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك زور ئىقتىسادىي تالاپەتلىرىنى ئاشكارىلىدى.
غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە 57 مىليارد دوللار زىيان تارتتى
دوكلاتتا سودا ئەندىزىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە ئېكسپورتنىڭ تۆۋەنلىشى كۆرسىتىلدى. (ئارخىپ) / AP
2026-يىلى3-ئاينىڭ24-كۈنى

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بىلۇمبېرگدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئىككى يىللىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقى جەريانىدا 57 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرىغان.

ئىسرائىلىيە بانكىسىنىڭ 2025-يىللىق دوكلاتىدا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا تەخمىنەن 57 مىليارد دوللارغا ياكى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %8.6 ىگە توغرا كېلىدىغان 177 مىليارد شېكېللىق زىيان كۆرۈلگەن.

ناھايىتى زور دەرىجىدە غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن بۇ زىيانلار، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننى بېسىۋېلىشىغا كەتكەن چىقىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەمما دوكلاتتا، ئىسرائىلىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان، قايتۇرما ھۇجۇملارغا دۇچ كېلىۋاتقان ۋە تۆتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغان ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي تەسىرى تېخى ئورۇن ئالمىغان.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش كابىنېتى مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، ئۇرۇشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن 13 مىليارد دوللار ئىلاۋە قىلىپ قايتا بېكىتىلگەن 2026-يىللىق دۆلەت خامچوتىنى ماقۇللىدى. دوكلاتتا يەنە سودا ئەندىزىلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيەنى تېخىمۇ  كۆپ تەنقىد قىلىدىغان سەككىز ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلىتىگە قىلىنغان ئېكسپورت 2024-يىلى 1 مىليارد دوللار، 2025-يىلى بولسا 1 مىليارد 500 مىليون دوللار ئازايغان؛ بۇنىڭ دەل ئەكسىچە باشقا بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئاشقان.

ئىسرائىلىيە بانكىسىنىڭ دوكلاتىدا: «بۇ ئەندىزە سىياسىي پوزىتسىيەلەرنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرگە قىلىنغان ئېكسپورت ھەجمىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېيىلگەن.

 بانكا يەنە، ئالدىنقى يىلى ئىيۇن ئېيىدا ئىران بىلەن يۈز بەرگەن 12 كۈنلۈك ئۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي مەھسۇلات مىقدارىنى مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %0.3 نىسبىتىدە ئازايتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردە غەززەگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى باشلىغان بولۇپ، ھازىرغىچە 72 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى قەتل قىلدى، تەخمىنەن 172 مىڭ كىشىنى يارىلاندۇردى ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەخمىنەن %90 نى ۋەيران قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران نېفىت ئامبارلىرىغا قىلغان ھۇجۇمى زەھەرلىك ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى
كولومبىيەدە ھەربىي ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ ئاز دېگەندە 66 كىشى قازا قىلدى. ئونلىغان كىشى يارىلاندى
ماكرون ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى «ئىشغالىيىتى» گە قارىتا ئاگاھلاندۇردى
تېكساستىكى ۋالېرو نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى
تەكشۈرۈش دوكلاتى: غەززە قىرغىنچىلىقى جەريانىدا 100 مىڭ ئىسرائىلىيەلىك دۆلەتتىن چىقىپ كەتتى
غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە 57 مىليارد دوللار زىيان تارتتى
لىۋان تاراتقۇلىرى: ئىسرائىلىيە بېيرۇتنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە رايوننى كېچىچە ئوققا تۇتتى
ۋاشىنگتون ئىسرائىلىيەگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ پىلانلانغاندىن ئۇزۇنراق داۋاملىشىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى
بازارلاردا كۈچلۈك داۋالغۇش:ترامپنىڭ ئىرانغا بەرگەن 48 سائەتلىك مۆھلىتىدىن كېيىن نېفىت باھاسى ئۆرلىدى
فاتىھ بىرول: ھورمۇز بوغۇزى كىرىزىسى يەر شارى ئىقتىسادى ئۈچۈن «زور تەھدىت» شەكىللەندۈرمەكتە
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەن بەزى پاراخوتلاردىن 2 مىليون دوللار ئۆتۈش ھەققى ئالماقتا
خاقان فىدان ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن دىپلوماتىك سۆھبەتلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا
كۇبا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، غەززەدە تۆت پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ئىسرائىلىيە لىۋاندىكى مۇھىم بىر كۆۋرۈكنى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن قۇرۇقلۇق ئىستېلاسىنى كېڭەيتىدۇ