پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى WAFA نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، غەززە شەھىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئەسسىنايە رايونىدا، ئىلگىرى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇملىرىدا زىيانغا ئۇچرىغان ئالتە قەۋەتلىك بىر بىنا گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەن.
دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ۋەقەدە 9 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 14 پەلەستىنلىك يارىلانغان. يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرىكى ھۇجۇملاردا زىيانغا ئۇچرىغان بۇ بىنادا 60 تىن ئارتۇق كىشى ياشايدىكەن.
مەزكۇر پاجىئەدە بىنا ئىچىدىكىلەردىن سىرت يەنە، بىنا ئەتراپىدىكى چېدىرلاردا پاناھلىنىۋاتقان ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەرمۇ تالاپەتكە ئۇچرىغان.
غەززەدە ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەر، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولغان ياكى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بىنالاردا ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا.





















