بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى» نى جاكارلىدى.
نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى چارشەنبە كۈنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئۇدا ئىككى ھەپتە توختىتىپ تۇرۇش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئىشخانىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:
«ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى ئۇدا ئىككى ھەپتە توختىتىپ تۇرۇش قارارىنى، ئىراننىڭ بوغۇزلارنى دەرھال ئېچىشى ۋە ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ھەمدە رايوندىكى دۆلەتلەرگە قارىتىلغان بارلىق ھۇجۇملارنى توختىتىشى شەرتى بىلەن قوللايدۇ.»
ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئىرانغا قاراتقان بومباردىمان ۋە ھۇجۇملارنى «ئۇدا ئىككى ھەپتە توختىتىپ تۇرۇش» نى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.
ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ھالقىلىق رول ئوينىغان پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرىنى جۈمە كۈنى ئىسلامئابادقا تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ۋاشىنگتون بىلەن تېھراننىڭ، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە لىۋاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق توقۇنۇش رايونلىرىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدە كېلىشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
لېكىن نېتانياھۇنىڭ ئىشخانىسى بۇ ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «لىۋاننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈردى.
مەزكۇر ئىشخانىنىڭ باياناتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى:
«ئىسرائىلىيە يەنە ئىراننىڭ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، ئىراننىڭ ئەرەب قوشنىلىرى ۋە دۇنياغا قارىتىلغان يادرو، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تېررورلۇق تەھدىتى شەكىللەندۈرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدۇ.»
2024-يىلى نويابىردا يولغا قويۇلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي، ئىسرائىلىيە 2-مارتتا ھىزبۇللاھنىڭ چېگرا ھالقىغان ھۇجۇمىدىن كېيىن لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ھاۋا ھۇجۇملىرى ۋە قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
لىۋان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ 2-مارتتىن بۇيانقى ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1497 گە يەتكەن، 4639 كىشى يارىلانغان.
ھىزبۇللاھ مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇ ھۇجۇملارنىڭ ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ھۇجۇملىرىغا، ھەم 28-فېۋرالدىكى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئورتاق ھاۋا ھۇجۇمىدا شۇ چاغدىكى ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى خامەنېينىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا قايتۇرما ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.













