مەدەنىيەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ئارتېمىس ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەتلىرىنى تارتتى
ناسا (NASA) نىڭ «ئورىيون» (Orion) ئالەم كېمىسىدىكى تۆت ئالەم ئۇچقۇچىسى ئايغا بارىدىغان تارىخىي مۇساپىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىدىن ئۆتتى.
ئارتېمىس ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يەر شارىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سۈرەتلىرىنى تارتتى
ناسا « II ئارتېمىس» خادىملىرى 2-ئاپررل (2026) مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

ناسانىڭ «ئورىيون» ئالەم كېمىسىدىكى تۆت ئالەم ئۇچقۇچىسى ئايغا بارىدىغان تارىخىي مۇساپىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلىدىن ئۆتتى. بۇ، ئىنسانىيەتنىڭ 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئايغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىش جەريانىدىكى تارىخىي ئاينى ئايلىنىپ ئۇچۇش قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

«2-ئارتېمىس» نىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پىلانلانغان ئاينى ئايلىنىش سەپىرىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقاندا، يەر شارى بىلەن ئاينىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىن ئۆتتى. ناسا «ئورىيون» ئالەم كېمىسى ئىچىدىن تارتىلغان يەر شارىنىڭ دەسلەپكى سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئالەم ئۇچقۇچىسى كىرىستىنا كوچ (Christina Koch) نىڭ ئېيتىشىچە، ئالەم كېمىسى فىلورىدا ئىشتاتىدىكى كېننېدى ئالەم قاتنىشى مەركىزىدىن ئۇچۇپ، تەخمىنەن ئىككى كۈن بەش سائەت 24 مىنۇتتىن كېيىن، بۇ مۇھىم ئۆتكەلگە يەتكەنلىكى ئۇقتۇرۇلغاندا، كېمە ئەزالىرىدا تەڭلا «شاد-خۇراملىق پەيدا بولغان.»

ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ جۈمە (2026-يىلى 3-ئاپرېل) كۈنىدىكى نەق مەيدان تارقىتىشىغا قارىغاندا، كىرىستىنا كوچ خانىم: «بىز ھازىر ئاينى كۆرۈۋاتىمىز، بۇ ھەقىقەتەن ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن» دېگەن.

ناسانىڭ تور سۇپىسىدىكى كۆرسەتكۈچلەر شەنبە (4-ئاپرېل) كۈنى ئەتىگەندە، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئېلىپ ماڭغان «ئورىيون» ئالەم كېمىسىنىڭ يەر شارىدىن 229 مىڭ كىلومېتىردىن (142 مىڭ مىلدىن) ئارتۇق يىراقلىققا يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ناسا «ئورىيون»دىن تارتىلغان، يەر شارىنىڭ كۆك رەڭلىك چوڭقۇر ئوكيانلىرى ۋە توپ-توپ بۇلۇتلىرى بىلەن تولغان تولۇق سۈرىتىنى ئېلان قىلدى.

«مەنزىرەلەر ئاجايىپ گۈزەل»

ئالەم كېمىسىنى قوزغاش ۋە ئاينى ئايلىنىدىغان تارىخىي ئوربىتاغا چىقىرىدىغان موتورنى ئوت ئالدۇرۇش قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق مەشغۇلاتلاردىن كېيىن، كېمە ئىچىدىكى تۆت نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ھەر خىل ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈش ۋە سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇردى ۋە ئاخىرى بىر ئاز نەپەس ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.

كانادالىق ئالەم ئۇچقۇچىسى جېرېمىي خانسېن (Jeremy Hansen) پەيشەنبە (2026-يىلى 2-ئاپرېل) كۈنى كەچتە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «بۇلارغا ئىشىنىش مەن ئۈچۈن تولىمۇ تەس بولۇۋاتىدۇ، بۇ ھەقىقەتەن قالتىس ئىش ئىكەن» دېدى.

ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئالەم سەپىرىگە چىققانلىقىنى ئېيتقان خانسېن: «مەن بۇ يەرنى بەك ياقتۇردۇم، مەنزىرەلەر ئاجايىپ گۈزەل ئىكەن» دېدى.

ئۇ يەنە ئالەم كېمىسىدە لەيلەپ يۈرۈشنىڭ بەك كۆڭۈللۈك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «بۇ مېنى خۇددىي كىچىك بالىدەك ھېس قىلدۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.

خانسېن ئامېرىكالىق ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كىرىستىنا كوچ، ۋىكتور گلوۋېر (Victor Glover) ۋە رېد ۋايسمان  (Wiseman Reid) لار بىلەن بىر گۇرۇپپىدا.

ئالەم ئۇچقۇچىلىرى كېلەر ھەپتىنىڭ بېشىدا ئاينى ئايلىنىپ ئۇچۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ 50 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تارىخىي ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ قالىدۇ.

ناسا ئەمەلدارى لاكېشا خاۋكىنس (Lakiesha Hawkins) جۈمە (3-ئاپرېل) كۈنىدىكى مەلۇمات بېرىش يىغىنىدا، قوماندان ۋايسمان تارتقان سۈرەتلەرنى يۇقىرى باھالىدى ۋە ئۇلارنى «ئاجايىپ قالتىس ئىش قىلدى» دېدى.

خاۋكىنس سۆزىدە: «بىز تۇنجى قېتىم ئۇچقۇچىلار ئولتۇرغان ئالەم كېمىسىنى ئالەم بوشلۇقىدا مەشغۇلات قىلىش جەريانىدا، كېمىگە ئالاقىدار نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتىمىز. ھەر كۈنى يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىمىزنى ئۆزىمىزگە ئەسكەرتىپ تۇرۇشىمىز تولىمۇ مۇھىم» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Artemis II launch: NASA counts down to most ambitious Moon mission in half a century

ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى

ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنىدىكى ەشغۇلات تىزىملىكىدە، يۈرەك-ئۆپكە مەشقى   (CPR)  ۋە  داۋالاش ساندۇقىنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا سەپەرنىڭ ئالتىنچى كۈنى ئايغا ئەڭ يېقىنلاشقاندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىلمىي كۆزىتىشلەرگە تەييارلىق قىلىش قاتارلىقلار بار.

ناسا ئەمەلدارلىرى جۈمە كۈنى بارلىق سىستېمىلارنىڭ نورمال ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

تەخمىنەن 10 كۈنلۈك مۇساپىنىڭ كېيىنكى مۇھىم ئۆتكىلىنىڭ، يەكشەنبە (5-ئاپرېل) كۈنىنى دۈشەنبە (6-ئاپرېل) گە باغلايدىغان كېچىدە ئەمەلگە ئېشىشى كۈتۈلمەكتە. شۇ چاغدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى «ئاينىڭ تارتىش كۈچى دائىرىسى» گە كىرىدۇ، يەنى ئاينىڭ تارتىش كۈچى ئالەم كېمىسىگە يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن كۈچلۈكرەك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلايدۇ.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى