ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان باشلىقلار يىغىنىنى كېچىكتۈرگەندىن كېيىن، ماي ئېيىدا بېيجىڭدا خىتايلىق مەنسەپدىشى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەسلىدە مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان «تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە» زىيارەتنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقىنى ۋە شى جىنپىڭ بىلەن رەپىقىسىنى يىلنىڭ كېيىنكى ئايلىرىدا ۋاشىنگتوندا كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ Truth Social تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىراندىكى ھەربىي ھەرىكىتىمىز سەۋەبىدىن كەچۈرۈلگەن، خىتاينىڭ ھۆرمەتلىك دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولغان كۆرۈشۈشۈم قايتىدىن پىلانلاندى ۋە 14-، 15-مايدا بېيجىڭدا ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى.
ترامپ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «تارىخىي» بېيجىڭ ۋە ۋاشىنگتون زىيارەتلىرى ئۈچۈن «تەييارلىقلارنى تاماملىغانلىقىنى» تىلغا ئېلىپ، «رەئىس شى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ۋاقتىمنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمەن، ئىشىنىمەنكى بۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش بولىدۇ» دېدى.
ترامپ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدىسى ئوتتۇرىسىدىكى سودا رىشتىلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشنى مەقسەت قىلغان باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە مۇددىتىدە تۇنجى قېتىم 31-مارت بىلەن ئاپرېل ئېيىنىڭ تۇنجى كۈنلىرى ئارىسىدا بېيجىڭغا بېرىشنى پىلانلىغان ئىدى.

بىراق ترامپنىڭ دىققىتى ئىران بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشقا بۇرالغان بىر پەيتتە، 16-مارتتا خىتايدىن يىغىننى كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ مۇخبىرلارغا: «ئۇرۇش سەۋەبىدىن بۇ يەردە بولۇشنى خالايمەن، بۇ يەردە بولۇشۇم كېرەك، شۇنداق ھېس قىلىۋاتىمەن. شۇڭا بىر ئايدەك كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق» دېگەن ئىدى.
ترامپ خىتايغا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2017-يىلى بارغان ئىدى. بۇ بىر ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ خىتايغا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى پىلانلانغان زىيارىتى، رەھبەرلەرنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا جەنۇبىي كورېيەدە سودا ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمى ھەققىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن مۇزاكىرىسىدىن بۇيانقى تۇنجى يۈزتۇرانە ئۇچرىشىش بولۇپ قالىدۇ.








