تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرى، مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن پاكىستانلىق مەنسەپدىشى مۇھەممەد ئىسھاق دارنىڭ تېلېفوندا سۆھبەتلىشىپ، ئىران ئۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. فىدان بىلەن دار سەيشەنبە كۈنىدىكى سۆھبىتىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى بىلەن پارتلىغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دىپلوماتىك ھەرىكەتلەرنى ئانالىز قىلدى.
پاكىستان بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوتتۇرا شەرقتە كەسكىنلىشىۋاتقان ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارغا «ۋاقىت ۋە پۇرسەت» بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف: «ئوتتۇرا شەرقتە داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ئىلگىرىلىمەكتە» دېگەنىدى.
ئاقساراي پاكىستاننىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەكلىپىنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا يەتكۈزۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى. باياناتچى كارولىن لېۋىت (Karoline Leavitt): «پىرېزىدېنت تەكلىپتىن خەۋەردار بولدى، بۇنىڭغا يېقىندا جاۋاب قايتۇرۇلىدۇ» دېدى.
ترامپ ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئاخىرقى مۆھلەت يېقىنلاشماقتا
بۇ تەرەققىياتلار، ترامپنىڭ ئىران ئۈچۈن بەلگىلىگەن ئاخىرقى مۆھلەتنىڭ (شەرقىي قىرغاق ۋاقتى 20:00، گىرىنۋىچ ۋاقتى چارشەنبە 00:00) توشۇشىغا بىرنەچچە سائەت قالغاندا يۈز بەردى. ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا 28-فېۋرالدا ئىرانغا قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان، پۈتكۈل رايون ناھايىتى كۈچلۈك ھوشيارلىق ھالىتىدە تۇرماقتا.
تېھران بولسا ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى تۇرۇشلۇق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى. بۇ ھۇجۇملار تالاپەت ۋە ئۇل ئەسلىھە ۋەيرانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، يەرشارى بازارلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە ساھەسىگىمۇ ئېغىر دەخلى يەتكۈزدى.
















